ئامېرىكا ھەرىكەتكە ئۆتتى

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە قەتلىئامى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە ھەرىكەتكە ئۆتتى

67233
ئامېرىكا ھەرىكەتكە ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە قەتلىئامى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە ھەرىكەتكە ئۆتتى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى جون كېرى ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسى تۈپەيلى قاھىرەدە ئۇچرىشىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى جون كېرى، توقۇنۇشلارنىڭ توختىشىنى ھاماسقا باغلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
كېرى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ غەززەدىكى پۇقرالارغا 47 مىليون دوللارلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
جون كېرى، زىيارىتى دائىرىسىدە، مىسىر دىپلوماتىيە مىنىستىرى سامىھ شۈكرى ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باش كاتىپى نەبىل ئەل ئەرەبى بىلەن كۆرۈشتى.
دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەر، مىسىردىكى يېڭى ھۆكۈمەت ھاماسنى قەتلىئامنىڭ جاۋابكارى دەپ قارايدىغانلىقى تۈپەيلى باسقۇچنىڭ ئاسانغا توختىمايدىغانلىقى ئەسكەرتىشمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر