دۇنيا مىقياسىدا ئىسرائىلىيەگە قارشى نارازىلىقلار كۈچەيمەكتە
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلمەكتە.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا مىقياسىدا ئىسرائىلىيەگە قارشى نارازىلىقلار كۈندىن-كۈنگە كۈچەيمەكتە.
ئاۋستىرىيەنىڭ پايتەختى ۋىيانادا ئىسرائىلىيەگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا 50مىڭ ئادەم قاتناشتى. 10 كىلومېتىرلىق يۈرۈش ھەرىكىتىگە ۋىيانا ئىسلام فېدېراتسىيىسى باشلىقى مۇھەممەد تۇرھان ئىشتىراك قىلدى. تۈركلەرمۇ بۇ ھەرىكەتتىن ئورۇن ئالدى.
گوللاندىيەنىڭ پايتەختى ئامستىرادامدىمۇ مىڭلارچە ئادەم ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. دانىيەنىڭ پايتەختى كوپېنھاگېندا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا، دانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇمىغا سۈكۈت قىلىشى ئەيىبلەندى. گېرمانىيەدە مانھايىن قاتارلىق نۇرغۇن شەھەردە ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
خىتايدىكى قۇيۇن ئاپىتىدە 5 خىتاي ئۆلۈپ، 33 ى يارىلاندى
خىتاينىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن قۇيۇن ئاپىتى سەۋەبىدىن 5 خىتاي ئۆلۈپ، 33 ى يارىلاندى.