ئامېرىكا ماكېدونىيەنىڭ ناتو ئەزالىقىنى قوللايدۇ

ئامېرىكا ماكېدونىيەنىڭ ناتو ئەزالىقىنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

130482
ئامېرىكا ماكېدونىيەنىڭ ناتو ئەزالىقىنى قوللايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىكتورىيە نۇلەند :«ماكېدونىيەنىڭ ناتو ئەزالىقىنى تولۇق قوللايمىز» دېدى.
بالقان زىيارىتى ئەسناسىدا ماكېدونىيەنىڭ پايتەختى ئۈسكۈپتە رەسمىي زىيارەتتە بولىۋاتقان نۇلەند تۈنۈگۈن باش مىنىستىر نىكولا گىرۇۋسكى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.
كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان نۇلەند كۆرۈشۈشتىن ناھايىتى خوشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
ماكېدونىيە بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىسىم مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغان نۇلەند ئىسىم مەسىلىسىنى ب د ت دائىرىسىدە ھەل قىلىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ۋە بۇ مەسىلىدە ئامېرىكىنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەل قىلىش چارىسى تېپىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ناتونىڭ كېڭىيىش سىياسىتىگە قارىتا سورالغان سوئالغا جاۋاب بەرگەن نۇلەند، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ماكېدونىيەنىڭ ناتو ئەزاللىقىنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
باش مىنىستىر گىرۇۋسكى ئامېرىكىنىڭ ماكېدونىيەنىڭ ناتوغا ئەزالىق مۇساپىسىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، ماكېدونىيەنىڭ ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەزا بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى نۇلەندكە ئېيتقانلىقىنى قەيت قىلدى. كۆرۈشۈشتە ئىسىم مەسىلىسىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بايان قىلغان گىرۇۋسكى، مەسىلىنىڭ دىپلوماتىك يوللار ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا ماس ھالدا ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئىپادە قىلدى.
گىرۇۋسكى ماكېدونىيەنىڭ ئامېرىكىنى دوست ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەت سۈپىتىدە كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئورتاق مەنپەئەتلەر دائىرىسىدە ھەر ساھەدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر