ئامېرىكا بىلەن قاتار ھەربىي كېلىشىم ئىمزالىدى

ئامېرىكا بىلەن قاتار ھۆكۈمىتى 11 مىلياردلىق ھەربىي كېلىشىم ئىمزالىدى.

130478
ئامېرىكا بىلەن قاتار ھەربىي كېلىشىم ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن قاتار ئوتتۇرىسىدا كەڭ دائىرلىك ھەربىي كېلىشىم تۈزۈلدى.
پېنتاگون تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇداپىئە مىنىستىرى چاك ھاگېل قاتارلىق مەنسەبدېشىنىڭ تەكلىپ خېتىنى قوبۇل قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئىككى دۆلەتنىڭ 11 مىليارد دوللارلىق ھەربىي كېلىشىمنى ئىمزالىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. بۇ دائىردە قاتارنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن ئاپاچى تىكئۇچارى، پاترويىت ۋە جاۋېلىن مۇداپىئە سىستېمىسى ئالىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
باياناتتا ھەربىي كېلىشىم ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىدى ۋە مەزكۇر كېلىشىمنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر