ناتو: باتارېيەلەر تۈركىيە خەلقىنى قوغدايدۇ

راسمۇسسېن، تۈركىيەدىكى ۋەتەنپەرۋەر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرى باتارېيەلىرىگە ئېھتىياج قالمىغانلىقىغا دائىر پىكىرلەرگە قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

116193
ناتو: باتارېيەلەر تۈركىيە خەلقىنى قوغدايدۇ

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باش كاتىپى ئاندېرس فوگ راسمۇسسېن، سۇرىيەدىكى خىمىيەلىك قوراللارنىڭ دۆلەتنىڭ سىرتىغا چىقىرىلىشى بىلەن تەڭ تۈركىيەدىكى ۋەتەنپەرۋەر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرى باتارېيەلىرىگە ئېھتىياج قالمىغانلىقىغا دائىر پىكىرلەرگە قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
گېرمانىيەدىكى زىيارىتى دائىرىسىدە تۈنۈگۈن فېدېراتىپ مەتبۇئات مەركىزىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن راسمۇسسېىن، تۈركىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋەتەنپەرۋەر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «ۋەتەنپەرۋەر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تۈركىيە خەلقىنى سۇرىيەدىن كېلىپ قېلىش ئېھتىمالى بولغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدىن قوغداشنى مەقسەت قىلىدۇ. شۇڭا خىمىيەلىك قورال مەسىلىسىدىن بۇنى ئايرىم چۈشىنىش كېرەك. ۋەتەنپەرۋەر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرى سۇرىيەدە خىمىيەلىك قورال بولسۇن بولمىسۇن ھەرقانداق بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا قارشى مۇداپىئە مەقسەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
گېرمانىيەدە نەشر قىلىنىدىغان ‹دەر شىپىگېل› ژۇرنىلىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى سانىدا، ناتو ئىتتىپاقداشلىرى ئامېرىكا، گېرمانىيە ۋە گوللاندىيەنىڭ سۇرىيەنىڭ خىمىيەلىك قوراللىرىنىڭ تازىلىنىش ئۈچۈن پۈتۈنلەي دۆلەتنىڭ سىرتىغا چىقىرىلىشى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋەتەنپەرۋەر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرى باتارېيەلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر