ياۋروپا ئىتتىپاقى پوروشېنكو بىلەن ھەمكارلىشىش چاقىرىقى قىلدى

75759
ياۋروپا ئىتتىپاقى پوروشېنكو بىلەن ھەمكارلىشىش چاقىرىقى قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى رۇسىيەگە ئۇكرائىنانىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى پېتىر پوروشېنكو بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشى توغرىسىدا چاقىرىق قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ياۋروپا پارلامېنتى سايلىمىغا قاراپ چىقىش ئۈچۈن 27 – ماي چاقىرىلغان غەيرى رەسمىي يىغىندا، ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى ۋە ئورتاق خىتابنامە ئېلان قىلدى.

رۇسىيەنىڭ قىرىمنى قانۇنسىز ھالدا ئۆزىگە قوشۇۋالغانلىقى تەكرارلانغان خىتابنامىدە: «رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ يېڭى سايلانغان ۋە قانۇنلۇق پىرېزىدېنت بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشىنى، ھەربىي قىسىملىرىنى ئۇكرائىنا چېگرالىرىدىن چېكىندۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېيىلدى.

خىتابنامىدە، رۇسىيەدىن ئالدى بىلەن بۆلگۈنچىلەر ۋە قوراللىق كىشىلەرنىڭ ئۇكرائىناغا كىرىشىنى ئالدىنى ئېلىش تەلەپ قىلىندى.

ئۇكرائىنانىڭ ئىقتىسادىي مۇقىملىقى ئۈچۈن رۇسىيە بىلەن تۈزۈلىدىغان تەبىئىي گاز كېلىشىمىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن خىتابنامىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مۇزاكىرىلەرنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نەتىجىگە ئېرىشىشى ۋە رۇسىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى گاز بىلەن تەمىنلەش ۋەدىسىدە چىڭ تۇرۇشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

خىتابنامىدە يەنە، زۆرۈر تېپىلغاندا قوشۇمچە ئېمبارگولارنىڭ يۈرگۈزۈلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، موسكۋا ھۆكۈمىتى ئاگاھلاندۇرۇلدى.

دىپلوماتىك مەنبەلەر، رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ ئۇكرائىنانىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى بىلەن ھەمكارلىشىشتىن بېشارەت بېرىشى سەۋەبىدىن يېڭى ئېمبارگولارنىڭ ھازىرچە كۈنتەرتىپتە ئەمەسلىكىنى قەيت قىلماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر