ئولاند سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى

يەنە 82 ئادەم ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىدا بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى.

70234
ئولاند سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى

سۇرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش سۈرئەت بىلەن داۋام قىلماقتا؛ ئەسەد كۈچلىرىنىڭ دۆلەت مىقياسىدا ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا 82 ئادەم ئۆلدى.
سۈرىيە ئومۇمىي ئىنقىلاب كېڭىشى، ئەركىن سۇرىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەلەبنىڭ بەرەيج رايونىدا ئەسەد قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، 25 سۇرىيە ئەسكىرىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىككى تەرەپ ئارىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكى، بىر تانكىنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
بۇ جەرياندا فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فرانسۇا ئولاند، خىمىيىلىك قوراللارنى ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە سۇرىيە ھاكىمىيىتىگە يېڭى ئىمبارگولارنىڭ يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئولاندى تۈنۈگۈن سۈرىيە ئۆكتىچى ۋە ئىنقىلابچى كۈچلەر مەملىكەتلىك بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى ئەھمەد ئەلجەربانى ئېلىزە سارىيىدا قوبۇل قىلدى. ئولاند، «ئەسەد تۈزۈمى مۇمكىن بولىدىغان بارلىق ئۇسۇللارنى ھەتتا ئەڭ ناچارلىرىنى ئىشقا سالماقتا. ئەگەر يېڭى يىپ ئۇچلىرى ئوتتۇرىغا چىقىدىغان بولسا، يېڭى تۈزۈمنىڭ سوتلىنىشى ۋە يېڭى ئىمبارگولارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن بارلىق قانۇنىي يوللاردىن پايدىلىنىمىز» دېدى.
سۇرىيە خەلقىنىڭ نامىدىن سۆز قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە بىردىنبىر قانۇنلۇق ئورۇننىڭ سۈرىيە ئۆكتىچى ۋە ئىنقىلابچى كۈچلەر بىرلەشمىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئولاند، پارىژدا بىرلەشمىنىڭ باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئېچىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر