نىگېرىيەدە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 12 كىشى ئۆلدى

نىگېرىيەدە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 12 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 19 كىشى يارىلاندى

63659
 نىگېرىيەدە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 12 كىشى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيەدە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 12 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 19 كىشى يارىلاندى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھۇجۇم پايتەخت ئەبۇجادا بىر كونترول نۇقتىسىدا مەيدانغا كەلگەن.
ھۇجۇمنىڭ، نىگېرىيەدە چاقىرىلىدىغان دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنى ھارپىسىدا يۈز بېرىشى ئەندىشە پەيدا قىلدى.
ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارىنىڭ نىگېرىيەنىڭ شىمالىدىكى ھۇجۇملىرىدا مىڭلارچە كىشىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر