سۈرئەت بىلەن زورىيىۋاتقان ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلار قالدۇقلىرى ۋە ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش

«گۈزەل يېڭىلىقلار» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، سۈرئەت بىلەن زورىيىۋاتقان ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلار قالدۇقلىرى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز.

1857156
سۈرئەت بىلەن زورىيىۋاتقان ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلار قالدۇقلىرى ۋە ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش

سۈرئەت بىلەن زورىيىۋاتقان ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلار قالدۇقلىرى ۋە ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: شۇنداق، ھايات گۈزەل، يېڭى شەيئىلەردىن ۋاقىپ بولۇشمۇ... دۇنيادا ھەر يىلى تەخمىنەن 54 مىليون توننا ئېلېكترونلۇق مەھسۇلات ئەخلەت ساندۇقلىرىغا تاشلانماقتا. بۇ مىقدار دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىرى بولغان ئېيفىل مۇنارىنىڭ ئوتتۇرىچە 5200 ھەسسىگە تەڭ كېلىدۇ. ئىنسان سالامەتلىكى ۋە تەبىئەتكە زىيانلىق ئېلېكتىرونلۇق تاشلاندۇقلارنىڭ مىقدارى ھەر يىلى %6 ئەتراپىدا كۆپەيمەكتە...

* * * * *

ئۆيىڭىزدىكى ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرىدىغان بولسىڭىز، پەقەت بىرلا ئۆيدە توك سىملىرىدىن تارتىپ ئېلېكتىرونلۇق ئۆي ئەشيالىرىغىچە، تېلېۋىزورلاردىن توك قاچىلىغۇچىلارغىچە نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرىىسز. تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا، قوروڭىزدىكى ياكى مەھەللىدىكى ھەر بىر ئۆيدە ئوخشاش ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىلشلىتىلمەيدىغان تاشلاندۇقلارغا ئايلىنىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ. شۇنداق، ئېلېكتىرونلۇق بۇيۇملار دۇنيادىكى ئەڭ تېز ئەخلەتكە ئايلىنىۋاتقان مەھسۇلاتلارنىڭ بىرى. ئەگەر ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلمىسا، 2050-يىلغا بارغاندا تاشلاندۇق ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار مىقدارىنىڭ بىر قاتلىنىىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

بۇنداق بولۇشىدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەب پىلانلانلىق كېمەيتىش؛ ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنىڭ يېڭىلىرى تېز سۈرئەتتە ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، يېڭى ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى بىلەن بىرلىكتە، كونا ئۈسكۈنىلەر يا كۆيدۈرۈلىدۇ ياكى ئەخلەت دۇۋىلىرىدىكى ئورۇنلىرىنى ئالىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش سۈرئىتى تېز بولسىمۇ، ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى قايتىدىن پىششىقلاپ ئىشلەش ئۇنچىۋالا ئاسانغا توختىمايدۇ. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھەر يىلى ئەخلەتكە ئايلىنىۋاتقان 54 مىليون توننا ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىنىڭ پەقەت %10 ىلا قايتىدىن پىششىقلاپ ئىشلىنىدۇ. ئۇلارنى قايتىدىن پىششىقلاپ ئىشلەش خەلقئارا ئۆلچەم بويىچە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى قالايمىقان ھالەتتىكى پىششىقلاپ ئىشلەش زىيانلىق ماددىلارنىڭ تەبىئەتكە قويۇپ بېرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تۇپراق ۋە ئىچىملىك ​​سۈيى بولغىنىدۇ، تاشلاندۇقلار ھەم تەبىئەتكە ھەم سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ.

تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ئېلېكتىرونلۇق ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە خىتاي ئېلېكتىرونلۇق تاشلاندۇقلارنى قايتىدىن ئىشلەپچىقىرىشتا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنىڭ توختاۋسىز ھالدا تېخىمۇ ئىقتىدارلىقلىرى، تېخىمۇ يېڭى مودېللىرى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، فۇنكسىيەسىنى ئاخىرلاشتۇرغان ئېلېكتىرونلۇق ئەخلەتلەر دۈۋىسىمۇ قار كۆچكۈنىدەكلا تېز سۈرئەتتە زورايماقتا. بۇلاردىن باشقا، ھەر يىلى كانلاردىن چىقىرىۋېلىنغان ئالتۇنلارنىڭمۇ %10 ى ئېلېكتىرونلۇق ئەخلەتكە ئايلانماقتا، باشقىچە ئېيتقاندا، دۇنيانىڭ قىممەتلىك بايلىقلىرىمۇ يوقىلىشقا يۈزلەنمەكتە.

ئېلېكتىرونلۇق تاشلاندۇقلارنى يىغىۋېلىشنى قوللاش جەمئىيىتى رەئىسى بۇراق كۆكتۈركتىن، دۇنيادىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئېلېكتىرونلۇق تاشلاندۇقلار خەۋپى توغرىسىدىكى تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى؛ ئۇ، «ئېلېكتىرونلۇق ئەخلەتلەر قەيەردە ۋە قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ بىر قىسمى بولغان يانفونلاردىن تارتىپ چوڭ ھەجىملىك ئېلېكتىرونلۇق ئۆي ئەشيالىرىغىچە، ھەتتا، تېلېۋىزور ۋە كىچىك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىغىچە بولغان بارلىق ئېلېكتىرونلۇق بۇيۇملار ئىشلىتىلمىگەندە ئېلېكتىرونلۇق ئەخلەتكە ئايلىنىدۇ. ئۇلارنى رېمونت قىلىپ، كونا ئېلېكتىرونلۇق بۇيۇملار ئورنىدا داۋاملىق ئىشلىتىشىمىز مۇمكىن. بىز ئىستېمالچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئەپسۇسكى، ئېلېكتىرونلۇق تاشلاندۇقلارنى تاشلىۋېتىمىز ياكى كېرەكسىز نەرسە – كېرەكلەر قاتارىدا ئەسكى – تۈسكى توپلىغۇچىلارغا بېرىۋېتىمىز ۋەياكى بىر كۈنى كېرەك بولۇپ قالىدۇ، دېگەن ئويدا ئۆيلىرىمىزدە ساقلايمىز. تۈركىيەدە ئېلېكتىرونلۇق ئەشيالارنى قانۇنلۇق يىغىۋېلىش نىسبىتى %5 ئەتراپىدا، ھاسىل بولىدىغان ئېلېكتىرونلۇق تاشلاندۇق نىسبىتى 95 % ئەتراپىدا بولغاچقا، ئىقتىسادىي ۋە مۇھىت خاراكتېرلىك زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا» دېدى.

بۇراق كۆكتۈرك يەنە «ئېلېكتىرونلۇق ئەخلەتلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ياكى يىغىۋېلىش كېرەك؟» دېگەن سوئالغا: «ئەگەر ئۆيىمىزدە كارغا كەلمەيدىغان ئېلېكتىرونلۇق تاشلاندۇقلىرىمىز ياكى رېمونت قىلغىلى بولمايدىغان، بىر قېتىملا ئىشلەتكىلى بولىدىغان شەكىلدە لايىھەلەنگەن يورۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى، فىلۇئورېسسېنسىيە چىرىغى، پىرىنتېر رېڭى قۇتىسى دېگەندەك تاشلاندۇقلار بولسا، ئۇلارنى شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئەخلەت يىغىش مەركەزلىرىگە تاپشۇرۇشىمىز ياكى ئېلېكتىرونلۇق تاشلاندۇقلارنى يىغىپ ساقلاش قۇتىلىرىغا قويۇشىمىز كېرەك. ئەپسۇسكى، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات تاشلاندۇقلىرى، نادانلىق ۋە بىپەرۋالىقلار سەۋەبىدىن قانۇنسىز شىركەتلەر ياكى كېرەكسىز بۇيۇملارنى ساتقۇچىلار تەرىپىدىن ئىپتىدائىي ئۇسۇللار بىلەن مۇھىت ۋە سالامەتلىككە زىيانلىق شەكىلدە قايتىدىن پىششىقلاپ ئىشلەنمەكتە ۋەياكى ئەخلەق ساندۇقلىرىغا تاشلانماقتا، ئەخلەت دۈۋىلىرىنىڭ ئاستىدا كۆمۈلۈپ ياتماقتا. ئېلېكتىرونلۇق بۇيۇملانىڭ تەركىبىدىكى خەتەرلىك ماتېرىياللار سەۋەبىدىن ئېلېكتىرونلۇق ئەخلەتلەر خەلقئارا ئۆلچەم بويىچە قايتىدىن پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلاردا بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك» دەپ جاۋاب بەردى.

* * * * *

ئېلېكتىرونلۇق تاشلاندۇقلارنى يىغىۋېلىشنى قوللاش جەمئىيىتى رەئىسى بۇراق كۆكتۈركتىن يەنە بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكىدەك بىر قاتار سوئاللارنى سورىدۇق.

توغرا شەكىلدە قايتىدىن ئىشلەپچىقىرىلمىغان ئېلېكتىرونلۇق تاشلاندۇقلارنىڭ تەبىئەتكە ۋە ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيىنى بارمۇ؟

ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئېغىر مېتاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن زەھەرلىك بىرىكمىلەر ئىشلىتىلىدۇ. گازلىق تېلېۋىزورلاردا قوغۇشۇن، فوسفور، باتارېيەلەر؛ فىلۇئورېسسېنسىيە چىراغلاردىكى سىماپ، سوۋۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىدە  توڭلىتىش گازى ۋە لازېر پىرىنتېر رەڭ قۇتىلىرىدا راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار ئىشلىتىلىدۇ. بۇلار ھاۋا، سۇ ۋە تۇپراق بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەندە، ئىنسان ۋە مۇھىت ساغلاملىقىغا زور خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ.

تۈركىيەدە قانچىلىك ئېلېكتىرونلۇق تاشلاندۇق چىقىدۇ؟ ئۇلار قانداق قايتا پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىنى باشتىن كەچۈرىدۇ؟

مەملىكىتىمىزدە ھەر يىلى تەخمىنەن 847 مىڭ توننا ئېلېكتىرونلۇق تاشلاندۇق ھاسىل بولىدۇ، ئەمما بۇلارنىڭ پەقەت %5 لا قايتىدىن پىششىقلاپ ئىشلىنىدۇ. ئىجازەتنامە ئالغان شىركەتلەر ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر ھەمكارلىشىپ توپلىغان ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار ئەخلەتلىرى خەلقئارا ئۆلچەم بويىچە قايتىدىن ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. ئېلېكتىرونلۇق ئەشيالارنىڭ ئىچىدە مېتال ۋە پلاستىكقا ئوخشاش تۈركىيەدە قايتا ئىشلەپچىقارغىلى بولىدىغان مەھسۇلات قالدۇقلىرىمۇ بولغاندەك، تەركىبىدە قىممەتلىك مېتاللار بولغان <كارتا كاتېگورىيە>سىدىكى قالدۇقلارمۇ بولىدۇ.  كارتا كاتېگورىيەسىدىكى ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات قالدۇقلىرىنى قايتىدىن پىششىقلاپ ئىشلەشنىڭ تەننەرخى يۇقىرى شۇنداقلا داۋاملىق كارتا بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىدىغان جەريان بولغاچقا، ئېلىمىزدە پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرى يوق بولۇپ، چەت ئەللەرگە ئەۋەتىلىدۇ.

دۇنيادىكى ئېلېكتىرونلۇق ئەخلەتلەرنى يىغىۋېلىش جەريانى خىزمەتلىرى توغرا ئېلىپ بېرىلىۋاتامدۇ؟ دۇنيا ۋە تۈركىيەنى قانداق خەۋپلەر كۈتمەكتە؟

ئېلېكتىرونلۇق تاشلاندۇقلار يىللىق %6 لىك ئېشىش سۈرئىتى بىلەن دۇنيانىڭ سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان ئەخلەت تۈرى بولۇش ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالماقتا. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، يىغىۋېلىش نىسبىتى ھېلىھەم يەنىلا ئىنتايىن تۆۋەن. دۇنيادىكى ئوتتۇرىچە يىغىۋېلىش نىسبىتى %10، ياۋروپانىڭ ئوتتۇرىچە يىغىۋېلىش نىسبىتى %33. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئېلېكتىرونلۇق ئەشيا قالدۇقلىرى باشقا بۇيۇم ئەخلەتلىرىگە ئوخشاش ئاسان يىغىۋالغىلى بولىدىغان ئەخلەت تۈرى ئەمەس. بۇلغىغان تۆلەيدۇ، پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ بارلىق يىغىۋېلىش تەننەرخىنى ئۈستىگە ئېلىشى ئارزۇ قىلىنسىمۇ، بۇ چىقىمى ئىنتايىن يۇقىرى ئىش بولغاچقا، ئىشلەپچىقارغۇچىلار بۇ جەھەتتە ھېچقانداق تەدبىر قوللىنىشنى خالىمايدۇ. ئېلېكتىرونلۇق ئەخلەت مەسىلىسى ئەمەلىيەتتە كوللېكتىپ ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدىغان مەسىلە. ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ئىستېمالچىلار، شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر، سالاھىيەت بېرىلگەن ئورگانلار ۋە مىنىستىرلىقلار ۋە بارلىق ئالاقىدار تەرەپلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ، تېخىمۇ ئۈزۈل – كېسىل، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش چارىسى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر