ئەنگلىيە ئىيۇلدا سايلام ئۆتكۈزىدۇ

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى رىشى سۇناك (Rishi Sunak) 4-ئىيۇل (2024) دا سايلام ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

2143196
ئەنگلىيە ئىيۇلدا سايلام ئۆتكۈزىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ۋەزىر رىشى سۇناك ھەپتىلىك كابېنت يىغىنىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 10-نومۇرلۇق ئىشخانا ئالدىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ يېقىنقى بەش يىلدا ئەنگلىيەنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى (1945-1939) دىن بۇيانقى ئەڭ قىيىن مەزگىلنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭغا قارشى كۈرەش قىلغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئۇ ئىقتىسادىي مۇقىملىقنىڭ ھەر تۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى، ئەنگلىيە ئىقتىسادىنىڭ داۋاملىق ئېشىۋاتقانلىقىنى ۋە پۇل پاخاللىقىنىڭ نورمال ھالغا كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ يەنە، ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنى، ھۆكۈمەت پىلانىنىڭ ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ئىشلارنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى ۋە بۇنى بىلىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئەمدى خەلقتىن «كىمگە ئىشىنىسىز؟» دەپ سوراش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«ھازىر ئەنگلىيەنىڭ كەلگۈسىنى تاللايدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى. بىز قولغا كەلتۈرگەن ئىلگىرىلەشلەرنىڭ ئۈستىگە يېڭى نەتىجىلەرنى قويۇشنى ياكى پىلانسىز ۋە ئېنىقلىقتىن مەھرۇم ھالدا بېشىغا قايتىپ كېلىشنى خالايدىغانلىقىمىزنى قارار قىلىشنىڭ ۋاقتى يېتىپ كەلدى.   مەن پادىشاھ  چارلىز بىلەن كۆرۈشۈپ، پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىشنى تەلەپ قىلدىم. پادىشاھ بۇ تەلەپنى قوبۇل قىلدى. بىز 4-ئىيۇل چوڭ سايلام ئۆتكۈزىمىز. »

ئۇ سايلىغۇچىلارنىڭ دۆلەتكە ئېنىق پىلانى ۋە دادىل ھەرىكەت قىلىدىغان بىر پارتىيەنى تاللىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، «چوڭ ئۆكتىچى ئىشچىلار پارتىيەسى» نىڭ ئەنگلىيە ئۈچۈن كەلگۈسى پىلانىنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ ئاخىرىدا، ئۆزىنىڭ سايلام رىقابىتى جەريانىدا ھەر بىر بېلەت ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى، سايلىغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى، پەقەت ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭلا ئىقتىسادىي مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلالايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر