يوۋ گاللانت: «دۇنيادا ھېچكىشىنىڭ ئىسرائىلىيەنى تەنقىد قىلىش ھوقۇقى يوق»

يوۋ گاللانت خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى باش تەپتىشى كەرىم خاننىڭ ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوۋ گاللانت ھەققىدە خەلقئارالىق «تۇتۇش بۇيرۇقى» چىقارماقچى بولغانلىقىغا قارىتا: «دۇنيادا ھېچكىمنىڭ ئىسرائىلىيەنى تەنقىد قىلىش ھوقۇقى يوق» دېدى.

2142687
يوۋ گاللانت: «دۇنيادا ھېچكىشىنىڭ ئىسرائىلىيەنى تەنقىد قىلىش ھوقۇقى يوق»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى كەرىم خان ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوۋ گاللانت ھەققىدە خەلقئارالىق «تۇتۇش بۇيرۇقى» چىقىرىشقا ئىلتىماس سۇنغاندىن كېيىن، يوۋ گاللانت «دۇنيادا ھېچكىشىنىڭ ئىسرائىلىيەنى تەنقىد قىلىش ھوقۇقى يوق» لۇقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىسرائىلىيە دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يوۋ گاللانت ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدىكى لىۋان چېگراسىغا جايلاشقان گولانى بىرىگادىسىنىڭ ئوفىتسېرلىرى ۋە ئەسكەرلىرى بىلەن جىددىي يىغىن چاقىرغان.

يوۋ گاللانت خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى باش تەپتىشىنىڭ «تۇتۇش بۇيرۇقى» چىقارغانلىقى تەرەپكە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنى سوتقا تارتماقچى بولغانلارنىڭ ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلغان بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇ: «دۇنيادا ھېچكمنىڭ ئىسرائىلىيەنى ۋە بىزنىڭ ھەرىكەت ئۇسۇلىمىزنى تەنقىد قىلىدىغان ئەخلاقىي ھەق-ھوقۇقى يوق» دېگەن.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى كەرىم خان ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گاللانت ئۈچۈن «تۇتۇش بۇيرۇقى» چىقىرىشنى ئىلتىماس قىلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ يازما باياناتىغا ئاساسلانغاندا، كەرىم خان  نىتانىياھۇ ۋە گاللانتتىن باشقا يەنە، ھاماس سىياسى بىيۇروسىنىڭ باشلىقى ئىسمائىل ھەنىييە، ھاماسنىڭ غەززەدىكى رەھبىرى يەھيا سىنۋار ۋە ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى ئىززەددىن ئەلقاسسام بىرىگادىسىنىڭ رەھبىرى مۇھەممەد ئەل دەيف ھەققىدىمۇ «تۇتۇش بۇيرۇقى» چىقىرىشقا ئىلتىماس سۇنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر