نېتانياھۇ رەفاھقا ھۇجۇم قىلىشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

باش مىنىستىر نېتانياھۇ ئىسىرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدىن قاچقان 1.5 مىليون پەلەستىنلىك پاناھلىنىۋاتقان جەنۇبتىكى رەفاھ شەھىرىگە قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلىش ۋاقتىنىڭ بېكىتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

2126210
نېتانياھۇ رەفاھقا ھۇجۇم قىلىشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ ئېكس (X) ئادرېسىدا غەززەدە ئىنسانىي ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ھۇجۇملار توغرىسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرلىدى.

ئۇ ئۇچۇرىدا، غەززەدىكى ئەسىرلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ۋە «ھاماس ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش» نى نىشان قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن رەفاھقا ھۇجۇم قىلىشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ ئىسىرائىلىيەنىڭ بومباردىمانلىرىدىن قېچىپ يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان 1.5 مىليون كىشى پاناھلىنىۋاتقان رەفاھقا قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلىش ھەققىدە توختىلىپ: «بۇ ئەمەلگە ئاشىدۇ، ۋاقتى بېكىتىلدى» دېدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوۋ گاللانت تۈنۈگۈن (8-ئاپرېل) ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ زور خانىۋەيرانچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى خان يۇنۇستىن جەنۇبتىكى رەفاھقا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىش مەقسىتىدە چېكىنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر