تۈركىيە 10 يىلدىن بۇيان بۇغداي ئۇنى ئېكسپورتىدا دۇنيا بويىچە بىرىنچىلىكنى ساقلاپ كەلمەكتە
دۇنيا بانكىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2022 – يىلى تۈركىيەنىڭ بۇغداي ئۇنى ئېكسپورتىدا بىرىنچىلىكنى ساقلاپ كەلگەنلىكىنىڭ 10 – يىلى تولغان.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە 2013-يىلى 2 مىليون 100 مىڭ توننا بۇغداي ئۇنى ئېكسپورت قىلغان بولۇپ، بۇ ساھەدىكى ئېكسپورت 2016-يىلغىچە ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، 3 مىليون 500 مىڭ توننىغا يەتكەن.
گەرچە 2017 - يىلىدىن 2021 – يىللىرىغىچە بولغان مەزگىلدە ئېكسپورتتا تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ تۈركىيەنىڭ يەر شارى ئېكسپورتىدىكى بىرىنچىلىكىەە تەسىر كۆرسەتمىگەن. ئېكسپورت نىسبىتى 2022 - يىلى 3 مىليون 100 مىڭ توننا دەپ رۇيخەتكە ئېلىنغان.
شۇنداق قىلىپ، تۈركىيە 2013 – يىلىدىن 2022 – يىللىرىغىچە بولغان مەزگىلدە بۇغداي ئۇنى ئېكسپورتىدا ئىزچىل بىرىنچىلىكنى ساقلاپ كەلگەن.
بۇ مەزگىلدە ئېكسپورت %43.8 ئاشقان.
تۈركىيەدىن قالسىلا قازاقىستان، گېرمانىيە، ئۆزبېكىستان، ئارگېنتىنا ۋە ھىندىستان ئېكسپورتتا ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەتلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.