نيۇ يوركتا ئەزان ئاۋازى تۇنجى قېتىم جامەلەردىن  ياڭراتقۇدىن ئاڭلاندى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدە ئەزان جامەلەردە تۇنجى قېتىم ياڭراتقۇ ئارقىلىق ئېيتىلدى.

2032201
نيۇ يوركتا ئەزان ئاۋازى تۇنجى قېتىم جامەلەردىن  ياڭراتقۇدىن ئاڭلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مانخاتتان رايونىدىكى ئەڭ چوڭ جامەلەردىن بىرى بولغان نيۇ يورك ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى جامەسىدە جۈمە ۋاقتىدا ئەزان تۇنجى قېتىم ياڭراتقۇ ئارقىلىق ئېيتىلدى.

نيۇ يورك شەھەر باشلىقى ئېرىك ئادامس 29-ئاۋغۇست كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، نيۇ يورك شەھىرىدىكى جامەلەردە جۈمە كۈنى جۈمە ۋاقتىدا ۋە رامىزان ئېيىدا ئىپتار ۋاقتىدا ئەزاننىڭ ياڭراتقۇ ئارقىلىق ئېيتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئۇ ئىسلام دىنىنىڭ خىرىستىيان دىنى، يەھۇدىي دىنى ۋە باشقا دىنلارغا ئوخشاشلا نيۇ يورك مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىنى، جامەلەرنىڭ جىنايەتكە قارشى كۈرەش ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە زور ياردەمدە بولغانلىقىنى بايان قىلغان، ھەمدە مۇسۇلمان رەھبەرلەرگە خىتابەن مۇنداق  دېگەنىدى:

«سىلەرگە تېگىشلىك ھەق – ھوقۇقلارنى بېرىشكە ۋەدە بېرىمىز.»

ئىگىلىنىشىچە، نيۇ يورك شەھىرىنىڭ بۇ ھەقتە چىقارغان قارارىغا ئاساسەن، نيۇ يورك شەھىرىدە ئەزان جۈمە كۈنلىرى جۈمە ۋاقتىدا شۇ جاي ۋاقتى سائەت 12.20 دىن 13.30 غىچە، رامىزاندا ئېيىدا بولسا ئىپتار ۋاقتىدا «مۇۋاپىق سەۋىيەدە» ياڭراتقۇ ئارقىلىق ئېيتىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر