ئوسمانلى تائاملىرىدىن كۈنىمىزگىچە ساقلىنىپ كەلگەن «چىلبىر» ئىسپانىيە گېزىتىدە تونۇشتۇرۇلدى

تۈرك تاماقلىرىنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىكلىرىدىن بىرى بولغان ۋە ئوسمانلى تائاملىرىدىن كۈنىمىزگىچە ساقلىنىپ كەلگەن «چىلبىر» ئىسپانىيە گېزىتىدە تونۇشتۇرۇلدى.

2030414
ئوسمانلى تائاملىرىدىن كۈنىمىزگىچە ساقلىنىپ كەلگەن «چىلبىر» ئىسپانىيە گېزىتىدە تونۇشتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: «20 مىنۇت» ناملىق گېزىتىنىڭ گاسترونومىيە ئىستونىدا، «سىز چىلبىرنى تېتىپ باققانمۇ؟ بۇ ساغلام ۋە ئەنئەنىۋى تۈرك تامىقىنى 20 مىنۇتتا تەييارلىيالايسىز» تېمىسى ئاستىدا «چىلبىر» تونۇشتۇرۇلدى.

ئىسپانىيەنىڭ پېللا ۋە تورتېللاغا ئوخشاش تىپىك ۋە مول تائاملىرى بارلىقى، ئەمما چەت ئەل تەملىرىگىمۇ ئوچۇق ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان ماقالىدە، «چىلبىر» ئۈچۈن: «ھەم ساغلام ئوزۇقلىنىشنى، ھەم دورا - دەرمەكلىك يېمەكلىكلەرنى ياقتۇرسىڭىز، بۇ رېتسىپ دەل سىزگە لايىق. ئەمما، دىققەت قىلىڭ، ئۇ دورا - دەرمەكلىك بولغانغا ئوخشاشلا ئوزۇقلۇقى ئىنتايىن مول تائام» دېيىلدى.

گېزىتىنىڭ گاسترونومىيە ئىستونىدا «چىلبىر» نىڭ تۈركىيەدە ناھايىتى تىپىك تاماق ئىكەنلىكى ۋە چەت ئەلدە «تۈرك تۇخۇمى» دەپمۇ ئاتىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، مول قېتىق قىيامى، ئازىراق قىزىلمۇچ ۋە سۇدا پىشۇرۇلغان تۇخۇم بىلەن ياسالغان بۇ تاماقنى چوقۇم تېتىپ بېقىش كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

ئىسپانىيەدە تۈرك تائاملىرى كۆپىنچە دۆنەر، كاۋاپ، تۈرك تاتلىق تۈرۈمملىرى ۋە باكلاۋا بىلەن تونىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر