ئەردوغان ناتو باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگنىڭ زىيارىتىنى  قوبۇل قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگنىڭ زىيارىتىنى  ئىستانبۇل دولماباھچە سارىيىدىكى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى.

1995081
ئەردوغان ناتو باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگنىڭ زىيارىتىنى  قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ستولتېنبېرگنىڭ ئۇچرىشىشى تۈركىيە ۋاقتى 14:20 دە باشلاندى.

دولماباھچە سارىيىدىكى ئىشخانىسىدا ئاخباراتقا يېپىق ھالدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىش تەخمىنەن 1 سائەت داۋاملاشتى.

ئۇچرىشىشتا، رايوننىڭ يېڭى ۋەزىيىتىدىن باشقا يەنە، شىۋىتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش مەسىلىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۇچرىشىشىقا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھاقان فىدان، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر، جۇمھۇر رەئىسلىك باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەمەلدارلىرىمۇ قاتناشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر