زېلېنسكىي: ئۇرۇش بىز غەلىبە قىلغاندا ئاخىرلىشىدۇ

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي: «ئۇرۇش بىز غەلىبە قىلغاندا ئاخىرلىشىدۇ. رۇسىيە بۇ ئۇرۇشنى بالدۇر ئاخىرلاشتۇرالىشى مۇمكىن، بۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ زېمىنلىرىمىزدىن چىقىپ كېتىشى كېرەك» دېدى.

1994124
زېلېنسكىي: ئۇرۇش بىز غەلىبە قىلغاندا ئاخىرلىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ياۋروپا سىياسىي تەشكىلاتلىرى باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن مولدوۋاغا يېتىپ باردى.

ئۇ يىغىن ئېچىلىدىغان مىمى قەلئەسىدە مولدوۋا پىرېزىدېنتى مايا ساندۇ تەرىپىدىن قىزغىن كۈتۈۋېلىندى. ئۇ بۇ يەردە ئۇرۇشنىڭ قاچان ئاخىرلىشىدىغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ: «ئۇرۇش بىز غەلىبە قىلغاندا ئاخىرلىشىدۇ. رۇسىيە بۇ ئۇرۇشنى بالدۇر ئاخىرلاشتۇرالىشى مۇمكىن، بۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ زېمىنلىرىمىزدىن چىقىپ كېتىشى كېرەك» دېدى.

ئۇ ياۋروپا سىياسىي تەشكىلاتلىرى باشلىقلىرى جەريانىدا بەزى رەھبەرلەر بىلەن ئايرىم سۆھبەتلىشىپ، دۆلىتىگە «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىي ياردەملەرنىڭ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ناتوغا ئەزا بولۇسى ئۈستىدە توختالغاندا: «كېلەچىكىمىزنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز. ئۇكرائىنامۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىشكە تەييار. بىز شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئۇكرائىنانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ناتوغا ئەزا بولۇش، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى قوزغىغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى، شۇنداقلا ياۋروپانىڭ باشقا يەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىش ئېھتىمالى سەۋەبىدىن ئۇكرائىنا ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى مولدوۋا ئۈچۈنمۇ مۇھىم» دېدى.

ئۇ ياۋروپا سىياسىي تەشكىلاتلىرى باشلىقلىرى يىغىنىدىمۇ، ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەگە قارشى مۇھىم بولغان ناتوغا ئەزا بولۇشتەك بىخەتەرلىك كاپالەتلىرىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ بۇ ھەقتە: «بۇ ياز ۋىلنىيۇستا ئېچىلىدىغان ناتو باشلىقلار يىغىنىدا، ئۇكرائىنانىڭ ئەزالىققا ئوچۇق-ئاشكارا تەكلىپ قىلىنىشى ۋە ناتو ئەزالىقى يولىدا بىخەتەرلىك كاپالەتلىرى بېرىلىشى كېرەك» دېدى.

ئۇ زامانىۋى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكلىرىنى، «F-16» ئايروپىلانلىرى بېرىلگەن تەقدىردە رۇسىيەنى يېڭەلەيدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر