گوللاندىيەدە توردا ئەڭ كۆپ زاكاس قىلىنغان تاماق- تۈرك دۆنەر كاۋىپى بولدى

گوللاندىيەدە 2022 - يىلى توردا ئەڭ كۆپ زاكاس قىلىنغان تاماق- تۈرك كاپسالون دۆنەر كاۋىپى بولدى.

1955404
گوللاندىيەدە توردا ئەڭ كۆپ زاكاس قىلىنغان تاماق- تۈرك دۆنەر كاۋىپى بولدى
kapsalon doner.jpg
doner kapsalon.jpg
uber yemek.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەرەڭگە قىزارتمىسى، دۆنەر كاۋىپى، كاشار پىشلىقى، سالات ۋە قىيام بىلەن تەييارلىنىدىغان تۈرك كاپسالون دۆنەر كاۋىپىنىڭ، گوللاندىيەدىكى چەت ئەللىكلەر ياشايدىغان يەرلەردىنمۇ بەكرەك، گوللاندىيە ئاھالىلىرى ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا ياخشى كۆرۈلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

تۈرك كاپسالون دۆنەر كاۋىپى فەلەمەنك تىلىدا «بەربەر» دېيىلىدۇ.

تۈركىيە ئاقساراي ۋىلايىتىدىن گوللاندىيەگە بېرىپ، رېستوران ئاچقان دەرۋىش بەنگۇ تۈرك كاپسالون دۆنەر كاۋىپىنى تۇنجى قېتىم  2003 -  ۋە 2004-يىللىرى ساتىراچ قوشنىسىنىڭ زاكاس قىلىشى بىلەن ئۆزگىچە بىر شەكىلدە تەييارلىغان ۋە كېيىن ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرغان.

دۆنەر كاۋىپى تىجارىتىگە ئۇستا تۈركلەر، بۇ تاماقنىڭ گوللاندىيەدە ئومۇملىشىشىغا تۆھپە قوشقان، شۇڭا بۇ كاپسالون دۆنەر كاۋىپى «تۈركچە تاماق» دەپ بىلىنىشكە ۋە تونۇلۇشقا باشلىغان.

كاپسالون دۆنەر كاۋىپى ئۇزۇن ئۆتمەي گوللاندىيەدە مەشھۇر تاماققا ئايلانغان.

دەسلەپتە روتتېردامدىكى رېستورانلاردىن تارقالغان كاپسالون دۆنەر كاۋىپى، كېيىن گوللاندىيە چېگراسىدىن ھالقىپ، بېلگىيە، ئامېرىكا ۋە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگىچە كېڭەيگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر