جوردى كلاسسى: «مەن فورمامنى ساڭا بېرەلمەيمەن، ئۇنى تۈركىيەگە ياردەم ئۈچۈن ساتماقچى»
تۈركىيەنىڭ 10 ۋىلايىتىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن يەر تەۋرەشلەردە زىيانغا ئۇچرىغان پۇقرالار ئۈچۈن ياردەم سەپەرۋەرلىكلىرى داۋاملاشماقتا.
1945639
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيە بىرلەشمە كوماندىسى ئاز ئالكمار بىلەن ئېكسسېلسىئور كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە، ئاز ئالكمار كوماندىسىنىڭ مەستانىسى بىر كىچىك ئۆسمۈر كوماندا باشلىقى جوردى كلاسيدىن فورمىسىنى بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
جوردى كلاسسى: «مەن فورمامنى ساڭا بېرەلمەيمەن، ئۇنى تۈركىيەگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن ساتماقچى، ئەمما خالىساڭ چاپىنىمنى بېرەلەيمەن» دېدى.
جوردى كلاسي ئاندىن ئالكمار كوماندىسىنىڭ كىچىك مەستانىسىگە چاپىنىنى سوۋغا قىلدى.