پۇتبول دۇنياسى ماتەمگە چۆمدى

دۇنياغا تونۇلغان بىرازىلىيەلىك پۇتبولچى پىلى (Pele) 82 يېشىدا ساۋ پاۋلودا ئالەمدىن ئۆتتى.

1925587
پۇتبول دۇنياسى ماتەمگە چۆمدى
Pele 6
Pele 5
Pele 4
Pele 3
Pele 2

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  پىلى ئىسمى بىلەن تونۇلغان ۋە پۇتبول تارىخىدا پەۋقۇلئاددە مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن پۇتبولچى ئېدسون ئارانتېس دو ناسسىمېنتو (Edson Arantes do Nascimento) ساۋ پاۋلودا داۋالىنىۋاتقان ئالبېرت ئېنشتېيىن (Albert Einstein ) دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

پىلى پۇتبول ھاياتىدا قارشى تەرەپنىڭ ۋاراتاسىغا 1281 توپ كىرگۈزۈپ، باشقىلار ناھايىتى تەسلىكتە يېتەلەيدىغان رېكورت ياراتتى. ھەر قېتىم توپنى ئالغاندا ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكلىرىنى نامايان قىلغان پىلى، 1940-يىلى 23-ئۆكتەبىر بىرازىلىيەدە دۇنياغا كەلدى. 11 يېشىدا پۇتبولدىكى قابىلىيىتى بايقالغىچە ئاياغ مايلاش بىلەن شۇغۇللاندى. تۇنجى قېتىملىق كەسپىي مۇسابىقىگە 1956-يىلى قاتناشتى. ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندە، يەنى ئەمدىلا 17 ياشقا كىرگەندە بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسىغا كىرىپ، دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشتى.

ئۇ شۇ قېتىمقى دۇنيا لوڭقىسىدا ساھىبخان كوماندا شىۋېتسىيەنىڭ ۋاراتاسىغا ئىككى توپ كىرگۈزۈپ، بىرازىلىيەنىڭ چېمپىيون بولۇشىدا ھالقىلىق رول ئوينىدى. بۇ نەتىجىسى ئۇنى دۇنيادا نام-شۆھرەتكە ئىگە قىلدى.

1970-يىلى مېكسىكادا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى، پىلىنىڭ نامىغا نام قوشقان ۋە تېلېۋىزوردا رەڭلىك تارقىتىلغان تۇنجى دۇنيا لوڭقىسى ئىدى.

پىلى كەسپىي ھاياتىدا 3 قېتىم دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى. پۇتبول پادىشاھى 1956-يىلدىن 1974-يىلغىچە بولغان يىللار ئارىسىدا ساۋ پاۋلو كوماندىسى بولغان سانتوس ف س (SantosFC) نىڭ ئەزاسى بولدى. ئەينى يىللاردا ياۋروپادىكى نۇرغۇن پۇتبول كۇلۇبلىرى ئۇنى تەلەپ قىلدى. بىراق، بىرازىلىيە ھۆكۈمىتى چولپان پۇتبولچىنى «دۆلەت خەزىنىسى» دەپ ئېلان قىلغاچقا، ئۇ چەت ئەللەردىكى كۇلۇبلاردا توپ ئوينىيالمىدى.

تىللاردا داستان بولغان پۇتبولچىنىڭ ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ قىزىقارلىق بىر ۋەقە بولسا، نىگېرىيە ئىچكى ئۇرۇشىدا پىلىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئىككى كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىشنى ئېلان قىلىش ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر