گوللاندىيەدە ھازىرقى زامان تۈرك سەنئىتى تونۇتۇشتۇرۇلدى
گوللاندىيەدە ھازىرقى زامان تۈرك سەنئىتىنى تونۇتۇش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان ۋە كىشىلەر ئالاھىدە قىزىقىشىنى قوزغىغان «Aura/Contemporary Turkish Art» كۆرگەزمىسىنى 15 كۈن ئىچىدە تەخمىنەن 1600 سەنئەت ھەۋەسكارى زىيارەت قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لەھەي شەھىرىدىكى پۇلچرى ستۇدىيىسى سەنئەت مەركىزىدە مۇستەقىل سەنئەت فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ۋە 3 – دېكابىردا ئېچىلىشى ئۆتكۈزۈلگەن كۆرگەزمىگە سەنئەت دۇنياسىدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ۋە ئوخشىمىغان تېخنىكىلىرى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن 18 تۈرك رەسسامنىڭ خۇسۇسي، رەسم ۋە سەپلەش قاتارلىق 80 سەنئەت ئەسىرى كۆرگەزمە قىلىندى.
تۈركىيە - گوللاندىيە مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرىنى ھازىرقى زامان سەنئىتى ئارقىلىق تېزلىتىش ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق كۆۋرۈكىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان بۇ كۆرگەزمە 1 - يانۋارغىچە زىيارەتچىلەرگە ئوچۇق بولىدۇ.
كۆرگەزمە تۈكىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتى، تۈركىيە ساياھەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئورگىنى، ئىستانبۇل تەرەققىيات ئۇنىۋېرسىتېتى، T-Artlog ، CitySan ۋە Ikbal نىڭ قوللىشى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلماقتا.
«ئاۋرا/ ھازىرقى زامان تۈرك سەنئىتى» كۆرگەزمىسى سەنئەت ھەۋەسكارلىرى بىلەن ئۇچراشتۇرۇلغان پۇلچرى ستۇدىيەسى سەنئەت مەركىزىدە، كۈندىلىك زىيارەتچىلەرنىڭ سانى رۇيخەتكە ئېلىنماقتا.