غەرب ۋە ب د ت رۇسىيەنى ئەيىبلىدى

ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېسنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان يېڭى باشقۇرۇلىدىغان ھۇجۇملىرىدىن «قاتتىق چۆچۈگەنلىكى» نى بىلدۈردى.

1891105
غەرب ۋە ب د ت رۇسىيەنى ئەيىبلىدى
BM bayrak.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى ستېفان دۇجارىك ئۇكرائىناغا تۈنۈگۈن (2022-يىلى 10-ئۆكتەبىر) قىلىنغان ۋە 11 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى توغرىسىدا توختالدى.

باياناتچى دۇجارىك باش كاتىپ گۇتېررېسنىڭ تۇرالغۇ رايونلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ۋە بىگۇناھ پۇقرالار جېنىدىن ئايرىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدىن «قاتتىق چۆچۈگەنلىكى» نى بىلدۈردى.

ئۇ: «ئۇرۇشنى ئۇلغايتىش ئۈچۈن قىلىنغان ھۇجۇملارنى قوبۇل قىلغلى بولمايدۇ. ھەر دائىمقىدەك پۇقرالار ئەڭ چوڭ بەدەل تۆلىدى» دېدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ كىيېۋ قاتارلىق نۇرغۇن شەھەرلەرگە قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ» دېدى.

پىرېزىدېنت بايدىن رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا پۇقرالارنىڭ يارىلانغانلىقىنى، جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە ھەربىي نۇقتا بولمىغان نورمال تۇرالغۇ رايونلىرىنىڭ يەر بىلەن يەكسان قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ ھۇجۇملار پۇتىننىڭ ئۇكرائىنا خەلقىگە قارشى قوزغىغان قانۇنسىز ئۇرۇشىنىڭ قانچىلىك رەھىمسىز، قانخور ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ بەردى» دېدى.

گوللاندىيە باش مىنىستىرى مارك رۇتتې تۋىتتىردا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ: «بۇ ئۆچ ئېلىش ئەمەس، تېررورلۇق» دېدى.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالېنا بايېربوك تىۋتتېردا بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ چوڭ شەھەرلەرگە ۋە پۇقرالارغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقانلىقىغا «پەسكەشلىك» ۋە «قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دەپ باھا بەردى.

ئۇ: «ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بارلىق زۆرۈر ئىشلارنى قىلىۋاتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر