پۇتىن قىرىم كۆۋرۈكىدە يۈز بەرگەن پارتىلاشنى ئۇكرائىنا ئىستىخبارات ئورگىنىغا ئارتتى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن قىرىم كۆۋرۈكىدە يۈز بەرگەن پارتىلاشنىڭ ئۇكرائىنا ئىستىخبارات ئورگىنى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېيتتى.

1890717
پۇتىن قىرىم كۆۋرۈكىدە يۈز بەرگەن پارتىلاشنى ئۇكرائىنا ئىستىخبارات ئورگىنىغا ئارتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىلادىمىر پۇتىن ساينىت پېتېرسبۇرگ شەھىرىدە، رۇسىيە تەكشۈرۈش كومىتېتى باشلىقى ئالېكساندىر باسترىكىن بىلەن كۆرۈشتى.

پۇتىن قانۇنسىز قوشۇۋېلىنغان قىرىم بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈكتە ئالدىنقى كۈنى يۈز بەرگەن پارتلاش ئۈستىدە توختىلىپ، «بۇ رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ۋەيران قىلىشنى مەقسەت قىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدۇر. بۇنى ئويلىغان، ئىجرا قىلغان ۋە بۇيرۇق بەرگەن تەرەپ ئۇكرائىنا ئىستىخبارات ئورگىنىدۇر» دېدى.

رۇسىيە تەكشۈرۈش كومىتېتى رەئىسى باسترىكىنمۇ پارتلاشقا مۇناسىۋەتلىك تېررورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەرز سۇنۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ  ئىش تەكشۈرۈشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا قولغا كەلگەن ئۇچۇرلار بىلەن ئىسپاتلاندى» دېدى.

باسترىكىن بىر قىسىم رۇسىيەلىك ۋە چەتئەللىكلەرنىڭ پارتلاشنىڭ ئىشقا ئېشىشى ئۈچۈن ئۇكرائىنا ئىستىخبارات ئورگىنىغا ياردەمچى  بولغانلىقىنى ئېيتتى.

رۇسىيە 2014 - يىلى قانۇنسىز ھالدا ئۆزىگە قوشىۋالغان قىرىم بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى كەرچ كۆۋرۈكىدە، ئالدىنقى كۈنى بىر يۈك ئاپتوموبىلىدا پارتىلاش يۈز بېرىپ،  3 كىشى قازا قىلغان ئىدى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق ئىشخانىسى مەسلىھەتچىسى مىخايىل پودولياك بۇ پارتىلاشنىڭ «بىر باشلىنىش» ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

پۇتىن 2018 - يىلى بۇ كۆۋرۈكنىڭ رەسمىي ئېچىلىشىغا قاتناشقان بولۇپ، قىرىم بىلەن تاشيول ئۇلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نۇقتىسىدىن رۇسىيەگە نىسبەتەن ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگەكۆۋرۈك ھېسابلاناتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر