تۈرك قەھۋەسى جەنۇبىي كورېيەنىڭ يېمەك - ئىچمەك تىزىملىكىگە كىردى

يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتىنىڭ يازما باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئىنستىتۇت 2019-يىلىدىن بۇيان جەنۇبىي كورېيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، تۈركىيە كۈلتۈرىنى تونۇشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1824112
تۈرك قەھۋەسى جەنۇبىي كورېيەنىڭ يېمەك - ئىچمەك تىزىملىكىگە كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن باشلىتىلغان «تۈرك قەھۋەسى جەنۇبىي كورېيەدە» ناملىق لايىھە دائىرىسىدە، تۈرك قەھۋەسىنى جەنۇبىي كورىيەنىڭ زەنجىرسىمان قەھۋەخانىلىرىنىڭ بىرى بولغان «Seul YEE» سېئۇل يې ۋە «BeBridge» بې بېرجنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن جەنۇبىي كورېيە خەلقىگە تېتىتتى.

«Seul YEE» سېئۇل يې ۋە پايتەخت سېئۇلدا 23 شۆبىسى بار بولغان  «BeBridge» بې بېرج ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىم بىلەن تەڭ تۈرك قەھۋەسى بې بېرجنىڭ قەھۋەخانىلىرىدا سېتىلىشقا باشلاندى.

بۇ لايىھە ئىشقا ئاشۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى تۈرك قەھۋەسىنىڭ ئۆزگىچە تەمىدىن جەنۇبىي كورېيەلىكلەرنىڭ ھۇزۇرلىنالىشى ئۈچۈن قەھۋەخانا خىزمەتچىلىرىنى تەربىيىلەش پروگراممىلىرى ئۆتكۈزۈلدى.

«BeBridge» بې بېرج شۆبىلىرىدە مەخسۇس باكلاۋا بىلەن بىرىكتە سۇنۇلىدىغان تۈرك قەھۋەسى سېتىلىشقا قويۇلغان تۇنجى كۈندىن باشلاپلا كورېيىلىكلەرنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغىدى. يۈزلىگەن كىشىلەر ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا رەسىم ۋە سىنلار بىلەن ئۆزلىرىنىڭ تۈرك قەھۋەسى تەجرىبىسىنى ئورتاقلاشتى.

لايىھە دائىرىسىدە، ئالدىمىزدىكى 30 كۈن ئىچىدە «BeBridge» بې بېرج شۆبىلىرىدىن تۈرك قەھۋەسىنى زاكاز قىلغان ۋە بۇ تەجرىبىنى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ھەمبەھىرلىگەنلەردىن 5 كىشىگە چەك تارتىش ئارقىلىق سېئۇل-ئىستانبۇل بېرىپ-كېلىش ئايروپىلان بېلىتى، يەنە 5 كىشىگە ئىستاكان يۈرۈشلۈكى ۋە ئونلىغان سوۋغات تالونى قاتارلىق مۇكاپاتلار بېرىلىدىغان بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر