23.11.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1767294
23.11.2022

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹خەبەر تۈرك› گېزىتى»، «ۋارانك: <تۈركىيە 2021-يىلى سانائەت مۈلكىيەت ھوقۇقى ئىلتىماسى ۋە تىزىملاشتا ئىجابىي پەرقلەندى> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، سانائەت ۋە تېخنىكا مىنىستىرى مۇستافا ۋارانكنىڭ: «2021-يىلى داۋاملىشىۋاتقان كوۋىد-19 يۇقۇمىغا قارىماستىن، يەرلىك ئىلتىماس ۋە تىزىمغا ئالدۇرۇش نىسبىتىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن نۇرغۇن دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئىجابىي نۇقتىدىن پەرقلىنىشتە مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇق. ئالدىنقى يىلى 352 جۇغراپىيەلىك ئىشارەتنى تىزىمغا ئالدۇرۇش بىلەن، ئومۇمىي تىزىمغا ئالدۇرۇلغان سان 990 غا يەتتى. ھازىر ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تىزىملانغان 7 جۇغراپىيەلىك ئىشارىتىمىز بار» دېگەنلىكىنى يازدى

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «بايراقتار ئاقىنجى تىھانىڭ تۇنجى ئېكىسپورت توختامى ئىمزالاندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىسلىك دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسى باشلىقى ئىسمائىل دەمىرنىڭ بايراقتار ئاقىنجى تىھا (ئۇچقۇچىسىز ھۇجۇمچى ئايروپىلان) نىڭ تۇنجى ئېكسپورت توختامىنىڭ ئىمزالانغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى يازدى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «ئامېرىكادا 1 مىليون دوللارلىق خامچوتقا ئىگە نوپۇزلۇق ئورۇندۇققا تۈرك دوختۇر تەيىنلەندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئامېرىكا ئاركانزاس تېببىي پەنلەر ئۇنۋېرسىتىتى 13-يانۋاردا قۇلاق، بۇرۇن، كېكىردەك باش ۋە بويۇن ئوپېراتسىيەسى رەئىسلىكىگە تۈرك دوختۇر ئۆزلەم تۇلۇناي ئۇغۇرنى تەيىنلىدى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «<شەرق تېز پويىزى>نىڭ رىۋايەتلەردىكىدەك ساياھىتى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا ئورۇن ئالدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، فىرانسىيەنىڭ «AFP» خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ «رىۋايەتلەردىكىدەك ساياھەت» سەرلەۋھىسى بىلەن <شەرق تېز پويىزى>نى تونۇشتۇرغانلىقىنى، ئەنگلىيە مۇستەقىللىق گېزىتىنىڭ بولسا، «دۇنيا بويىچە ئەڭ گۈزەل 4 پويىز لىنىيەسىنىڭ بىرى» دېگەنلىكىنى «AFP» خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىنى ئۆز بېتىگە نەقىل قىلىپ ئىشلەتكەن «Euronews» تورىنىڭ، «تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىن يولغا چىقىپ، ئانادولۇنىڭ بوز قىرلىرى ۋە فىرات دەرياسىنىڭ يايلاقلىرىدىن ئۆتىدۇ!» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتكەنلىكىنى يازدى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «ساياھەتچىلەر تۈركىيەگە سەلدەك ئاقماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيە ساياھەت ئاجانتىلىرى بىرلىكى (TÜRSAB) نىڭ رەئىسى فىرۇز باغلىكايا قار سۈپىتى ۋە تېيىلىنىش مەيدانى ئۇل ئەسلىھەلىرى بىلەن ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدىغان قار تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چەتئەللىك ساياھەتچىلەر تەرىدىنمۇ ئىنتايىن ياقتۇرۇشقا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ھازىر سېتىلىش نىسبىتىمىز 2021 – يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 2 ھەسسىدىن 5 ھەسسىگىچە يۇقىرى ئۆرلىدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر