مەملىكەتلىك جۇدو تەنھەرىكەتچىمىز ھىلال ئۆزتۈرك دۇنيا ئۈچىنچىسى بولدى

مەملىكەتلىك تەنھەرىكەتچى ھىلال ئۆزتۈرك ياشلار دۇنيا جۇدو لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ يەككە مۇسابىقىسىدە، ئاخىرقى كۈنى 78 كىلوگىرامدىن يۇقىرى ئاياللار تۈرى بويىچە مىس مېدالغا ئېرىشتى.

1717335
مەملىكەتلىك جۇدو تەنھەرىكەتچىمىز ھىلال ئۆزتۈرك دۇنيا ئۈچىنچىسى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇدو فېدېراتسىيەسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، يەككە مۇسابىقە ئىتالىيەنىڭ ئولبىيا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن.

78 كىلوگىرامدىن يۇقىرى ئاياللار تۈرى بويىچە، ھىلال ئۆزتۈرك ئىككىنچى ئايلانمىدا مېكسىكالىق پرىسكىلا مارتىنېزنى، چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە فرانسىيەلىك لېئا فونتانىنى يىڭىپ، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن.

ئۇ بۇ ئايلانما مۇسابىقىدە، فىرانسىيەلىك كورالى خايمېغا ئۇتتۇرۇپ قويغان ۋە مىس مېدال مۇسابىقىسىدە ۋېنېزۇئېلالىق ئامارانتا ئۇردانېتانى يىڭىپ، پەۋقۇلئاددە ئېغىر دەرىجلىكلەر بويىچە دۇنيادا ئۈچىنچى بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر