پالاقلىق سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىسىدە دۆلەتلىك ئۆسمۈرلەر كوماندىمىز دۇنيا چېمپىيونى بولدى

پالاقلىق سۇ ئۈزۈش دۆلەتلىك ئۆسمۈرلەر كوماندىمىز 17-نۆۋەتلىك «CMAS» پالاقلىق سۇ ئۈزۈش دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە بىرىنچى بولدى.

1659094
پالاقلىق سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىسىدە دۆلەتلىك ئۆسمۈرلەر كوماندىمىز دۇنيا چېمپىيونى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە سۇ ئاستى تەنتەربىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئىتالىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىغا، تۈركىيەگە ۋاكالىتەن كان قاھرامان، بېرىل ئۈلكەر، زەينەپ ئەلبەر ۋە ئەمىر يىگىتتىن تەركىب تاپقان ئۆسمۈrلەر كوماندىمىز قاتناشقان.

دۆلەتلىك كوماندىمىز تاللاش مۇسابىقىسىنى 1مىنۇت، 09 سېكۇنتلۇق نەتىجە بىلەن تاماملىغاندىن كېيىن، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدا 1.08.99 نەتىجە بىلەن دۇنيا چېمپىيونى بولدى.

تۈركىيەدىن كېيىن ئىتالىيە ئىككىنچى، گىرېتسىيە ئۈچىنچى بولدى.

چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىدا، ئاياللار تۈرى بويىچە ھازال ئارېم ئاتەش ئاياللار 400 مېتىر سۇ ئۈستى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە سەككىزىنچى بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر