بېلگىيەدە بىر دېھقان فىرانسىيە چېگراسىنى ئۆزگەرتىپ بېلگىيەنى چوڭايتتى

بېلگىيەلىك بىر دېھقان ئېھتىياتسىزلىقتىن فىرانسىيە بىلەن بولغان چېگرانى ئۆزگەرتىۋەتتى.

1634432
بېلگىيەدە بىر دېھقان فىرانسىيە چېگراسىنى ئۆزگەرتىپ بېلگىيەنى چوڭايتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلگىيەنىڭ خەيناۋۇت ئۆلكىسىدە فىرانسىيە چېگرىسىغا جايلاشقان ئېركۇلىننېس رايونىدا تۇرۇشلۇق بىر دېھقان ئېتىزلىقتا يەر ھەيدەۋاتقاندا تىراكتورىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن چېگرا سىزىقىنى بەلگىلەيدىغان تاشنى ئورنىدىن يۆتكىۋەتكەن بولۇپ، ئويلىمىغان يەردىن بېلگىيە بىلەن فىرانسىيە ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا سىزىقىنى قايتا سىزىپ چىققان بولدى.

بۇ ۋەقەنى ئورمانلىقتا سەيلە قىلىۋاتقان بىر تارىخ ھەۋەسكارى بايقىدى.

ئىككى دۆلەت چېگراسىنى كۆرسىتىدىغان تاشنىڭ فرانسىيە زېمىنىغا 2.29 مېتىر ئىلگىرىلىگەنلىكى بايقالدى.

بۇ ۋەقە دىپلوماتىك كرىزىسكە سەۋەب بولمىدى. ھەر ئىككى تەرەپ مەسىلىنى چاخچاقلاشقان ھالدا  مۇزاكىرە قىلدى.

بېلگىيەنىڭ ئېركۇلىننېس شەھەر باشلىقى داۋىد لاۋاكىس كىچىككىنە يەرلەر ئۈچۈن يۈز بەرگەن ئۇرۇشلارنى چاخچاق قىلغان ھالدا ئەسكەرتىپ، «بېلگىيەنى چوڭايتىپ، فىرانسىيەنى كىچىكلىتىپتۇ. بۇ ياخشى پىكىر ئەمەس» دېدى ۋە كۈلۈپ تۈرۈپ، «مەن خۇشالمەن، چۈنكى شەھىرىم تېخىمۇ چوڭىيىپ كەتتى» دېدى.

بېلگىيە مەسئۇللىرى دېھقان بىلەن ئالاقىلىشىشنى ۋە ئۇنىڭدىن تاشنى ئەسلى ئورنىغا قويۇشنى تەلەپ قىلىشنى پىلانلىماقتا.

ئەگەر ئۇنداق بولمىغان تەقدىردە، بۇ ئىش 1930-يىلدىن بېرى پاسسىپ ھالدىكى فىرانسىيە-بېلگىيە چېگرا كومىتېتىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يوللىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر