سەئۇدى ئەرەبىستان بۇ يىل ھەج ئۈچۈن كوۋىد-19 ۋاكسىنىسىنى شەرت قوشتى

سەئۇدى ئەرەبىستان بۇ يىل ھەج ئۈچۈن كوۋىد-19 ۋاكسىنىسى بىلەن ئەملىنىشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1593367
سەئۇدى ئەرەبىستان بۇ يىل ھەج ئۈچۈن كوۋىد-19 ۋاكسىنىسىنى شەرت قوشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاندا چىقىدىغان «ئۇكاز گېزىتى» سەھىيە مىنىستىرى تېۋفىق ئەررېبىيانىڭ ھەجگە قاتنىشىشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن كوۋىد -19 ۋاكسىنىسى بىلەن ئەملىنىشنىڭ مەجبۇرى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ ھەجگە قاتنىشىش شەرتلىرىنىڭ بىرسى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

مىنىستىر رېبىيا مەككە، مەدىنە ۋە مۇقەددەس جايلاردىكى سەھىيە ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدىغان خادىملارنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن بالدۇرراق تەييارلىق قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

خەۋەردە يەنە مىنىستىرنىڭ ھاجىلار ئۈچۈن كوۋىد -19 كومىتېتى قۇرۇشنىمۇ بۇيرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر