«بىر مىللەت، ئىككى دۆلەت» ناملىق تور خەير-ساخاۋەت سەپەرۋەرلىكى باشلاندى

تۈركىيەلىك ۋە ئەزەربەيجانلىق رەسساملار بىلەن ھەيكەلتىراشلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن تەشكىل تاپقان «بىر مىللەت، ئىككى دۆلەت» ناملىق تور خەير-ساخاۋەت سەپەرۋەرلىكى باشلاندى.

1527981
«بىر مىللەت، ئىككى دۆلەت» ناملىق تور خەير-ساخاۋەت سەپەرۋەرلىكى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ پائالىيەتتىن كىرگەن كىرىم ئەزەربەيجان قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ياردەم فوندىغا ياتقۇزىلىدۇ ۋە تاغلىق قاراباغنى ئەرمېنىيە ئىشغالىيىتىدىن قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتىدە شېھىت ۋە غازى بولغان ئەزەربەيجانلىق ئەسكەرلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا شۇنداقلا ئۇرۇشتا زىيانغا ئۇچرىغان پۇقرالارغا ياردەم قىلىنىدۇ.

جەمئىي 86 رەسسامنىڭ 140 پارچە ئەسىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ پائالىيەت 22 - نويابىرغىچە داۋاملىشىدۇ.

يەدىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى گۈزەل-سەنئەت فاكۇلتېتىدىكى ئاكادېمىك پروفېسسور دوكتور تېيمۇر رىزايېۋ  بىلەن بىلەجىك شەيخ ئەدەبالى ئۇنىۋېرسىتېتى گۈزەل-سەنئەت فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئەلچىن مۇستافايېۋ تەرىپىدىن باشلىتىلغان سەپەرۋەرلىكتىكى ئەسەرلەرنى «karabagazerbaycandır_art» ناملىق فېسبۇك ۋە ئىنستېگرام ئادرېسلىرىدا  كۆرگىلى بولىدۇ.

پائالىيەتكە ئەسەرلىرى قاتناشتۇرۇلغان سەنئەتكارلار ئىچىدە  تۈرك رەسىم سەنئىتىنىڭ ئاتاقلىق شەخسلىرىدىن دەۋرىم ئەربىل، ئۆزدەمىر ئالتان، فەۋزى كاراكوچ، ماھىر گۈۋەن، رەسۇل ئايتېمۇر ۋە يالچىن قاراياغىز، شۇنداقلا ئەزەربەيجان سەنئەتكارلىرىدىن زىياد سۇلتانوۋ، سادىق بابايېۋ، پەرۋان ئەلىزادە ۋە لەتافەت ماممەدوۋا قاتارلىقلارمۇ بار.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر