پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى (مەۋلىد قاندىلى) بۈگۈن كەچتە باشلىنىدۇ

ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى (مەۋلىد قاندىلى) بۈگۈن كەچتە باشلىنىدۇ.

1517475
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى (مەۋلىد قاندىلى) بۈگۈن كەچتە باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىنىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى ئەلى ئەرباش ۋە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى دىنىي مۇلازىمەت باش دېرىكتورى بۇنيامىن ئالبايراق، تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى  (TRT)  تەرىپىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى (مەۋلىد قاندىلى)  مۇناسىۋىتى بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جمھۇرىيىتى لەفكوشا شەھىرىدىكى خالا سۇلتان جامەسىدە شۇ يەرنىڭ ۋاقتى سائەت 19:30 دە تارقىتىلىغان مەخسۇس پىروگراممىدا دۇئا قىلىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا كېلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەر رەبىئۇلئەۋۋەل ئېيىنىڭ 12 - كۈنىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان  مەۋلىد قاندىلى (خاتىرىلەش مۇراسىمى) ئىسلام دۇنياسىنىڭ مۇھىم كۈن ۋە كېچىلىرى قاتارىدىن سانىلىدۇ.

لۇغەتتە «تۇغۇلغان يېرى ۋە ۋاقتى» دېگەننى بىلدۈرىدىغان «مەۋلىد» ئىسلام كۈلتۈرىدە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ۋە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىملارنى شۇنداقلا يېزىلغان ئەسەرلەرنى ئىپادىلەيدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر