ئامېرىكا سايلاملىرىدىن كېيىنكى دۇنيا سىياسىتى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (43)

1514581
ئامېرىكا سايلاملىرىدىن كېيىنكى دۇنيا سىياسىتى

ئامېرىكا سايلاملىرىدىن كېيىنكى دۇنيا سىياسىتى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (43)

(مۇرات يېشىلتاش)

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ خەۋپسىزلىك تەتقىقاتلىرى دىرىكتورى ۋە يازغۇچىسى مۇرات يېشىلتاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئامېرىكا سايلاملىرىدىن كېيىنكى دۇنيا سىياسىتى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

*** **** **** ** *** ***** ***

2020 - يىلى 3 – نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا ۋىرۇس يۇقۇمى ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى. دەسلەپكى يىللىرىنى ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت گورۇپپىسىنى قۇرۇش بىلەن ئۆتكۈزگەن دونالد ترامپ، نۇرغۇن مۇھىم ئورۇنلارغا ئادەم تەيىنلىيەلمىدى ياكى ئۇ تەيىنلىگەن ئادەملەر بىر مەزگىلدىن كېيىن ۋەزىپىسىىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى. دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە ئۈچ ئوخشىمىغان مەسلىھەتچى بىلەن خىزمەت قىلىشقا مەجبۇر بولدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە مۇداپىئە مىنىستىرلىرى مەسىلىسىدىمۇ ئىشلار كۆڭۈلدىكىدەك ماڭمىدى. ترامپ بىرىنچى مەزگىلدىكى بۇ ئوڭايسىزلىقلارنى قاتتىق دىپلوماتىيە سىياسىتى بىلەن يېڭىشكە ئۇرۇنۇش بىلەن بىرگە، پرېزىدېنتلىقىنىڭ دەل ئوتتۇرا مەزگىلىدە، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش تەكشۈرۈشىنى بىر تەرەپ قىلىش  بىلەنمۇ ئاۋارە بولدى. 2016 - يىلدىكى سايلامدا رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ترامپ ۋە ئۇنىڭ سايلام تەشۋىقات گۇرۇپپىسىنى نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارغا دۇچار قىلدى.

پرېزىدېنتلىقىنىڭ ئاخىرقى يىلىدا بولسا، ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقۇمىنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن ئاۋارە بولۇشقا مەجبۇر بولغان ترامپ، يۇقۇمدىن كېلىپ چىققان كەڭ ۋە چوڭقۇر مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانالمىغاندەك قىلىدۇ. ترامپنىڭ ئىلگىرى ئىقتىسادنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ۋە ئامېرىكىنى قايتىدىن كۈچەيتىش ئۈچۈن قوللانغان قاتتىق سودا سىياسىتى ئامېرىكا سايلىغۇچىلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمدىلىكتە يۇقۇم نەتىجىسىدە يامانلاشقان ئىقتىسادنىڭ ئاساسلىق جاۋابكارى دەپ قارالماقتا. شۇڭا ئۇنىڭ رىقابەتچىسى بايدېن سايلامدىن بۇرۇنقى راي سىناشلاردا تىرامپنىڭ ئالدىدا كۆرۈنمەكتە ئىدى. سايلامنى كىمنىڭ ئۇتۇپ چىقىدىغانلىقىنى بىر نېمە دېيىش تەس، ئەمما كىم غەلىبە قىلسا، قىلسۇن، دۇنيا سىياسىتىنى چوڭقۇر بىر ئېنىقسىزلىق دەۋرى كۈتمەكتە.

 

ترامپ سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى جەريانىدا، ئامېرىكانى قايتىدىن زورايتىشنى مەقسەت قىلغان «ئالدى بىلەن ئامېرىكا» شوئارىنى تەكرارلاشنى تاللىدى. ئامېرىكانىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى دۇنيا سىياسىتىدە قانداق رول ئوينايدىغانلىقىغا دائىر ۋەدىلەرنى بەردى. ئەگەر ئۆتكەن تۆت يىل نەزەرگە ئېلىنىدىغان بولسا، يەر شارى سىستېمىسىدا تېخىمۇ ئاز رول ئوينىغان ۋە ئىچىگە بېكىنىپ، ئىچكى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش بىلەن بولغان بىر ئامېرىكانى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. بايدېن بولسا، ئامېرىكانىڭ يەر شارى سىستېمىسىغا يېڭىدىن قايتىپ كېلىدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىدىغان بىر تاشقى سىياسەتنى ئۆزلەشتۈرگەندەك كۆرىنىدۇ. قايسى پىرېزىدېنت نامزاتى غەلىبە قىلىشىدىن قەتئىي نەزەر، تۆۋەندىكى ئۈچ مۇھىم نۇقتىنى تەكىتلەش پايدىلىق.

بىرىنچىسى، ئامېرىكانىڭ دۇنيا سىياسىتىدىكى ئورنىغا مۇناسىۋەتلىك.

ئەگەر ترامپ سايلانسا، ئامېرىكانىڭ ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدە دۇنيا سىياسىتىدە تېخىمۇ قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك. ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي رىقابەت بۇ قاتتىق پوزىتسىيەنىڭ ئەڭ بېشىدا ئورۇن ئالىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، تىرامپ ئامېرىكانى تېخىمۇ يېپىق ھالغا كەلتۈرۈپ، خىتايغا مەركەزلىشىدۇ. بۇ خىل مۇمكىنچىلىكنىڭ ئەمەلىلىشىشى ئامېرىكانىڭ خەلقئارالىق مەسئۇلىيەتلىرىگە تېخىمۇ ئاز باغلىنىشى دېگەنلىك بولىدۇ. ئامېرىكا بىلەن ب د ت قاتارلىق يەرشارىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر بۇنداق ئەھۋالدا، تېخىمۇ ئاجىزلىشىشى مۇمكىن ۋە ئامېرىكا خەلقئارا سىستېمىدا ئۆزىگە نىسبەتەن تېخىمۇ  ئاز رول پېچىشى مۇمكىن.

 

ئىككىنچىسى، ئەگەر بايدېن سايلانسا، ئامېرىكانىڭ خەلقئارا سىياسەتتىكى ئورنىنى يېڭىدىن بەلگىلەپ، يەر شارىدىكى رەھبەرلىك ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشىشى مۇمكىن. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، بۇ خىل ئەھۋالمۇ ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن تېخىمۇ كەسكىن رىقابەتكە كېرىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھەر ئىككى پرېزىدېنت خىتاي مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بىراق بايدىن سايلانغان تەقدىردە، ئامېرىكانىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ تېخىمۇ ئاكتىپ ھالغا كېلىشىنى كۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ. بايدېن سايلام سەپەرۋەرلىكى جەريانىدا، ئامېرىكانىڭ ترامپ دەۋرىدە ئېرىگەن كۈچىنى قايتىدىن ھۆرمەتكە ئىگە قىلىدىغان يول خەرىتىسىنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمۇ بولدى. بۇ يول خەرىتىسى ئامېرىكانىڭ خەلقئارا مەسىلىلەرگە تېخىمۇ ئاز كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ترامپتىن پەرقلىق ھالدا، تېخىمۇ تەسىرى كۈچلۈك شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى، تېخىمۇ تەسىرى كۈچلۈك ب د ت ۋە تېخىمۇ تەسىرى كۈچلۈك ئامېرىكا دىپلوماتىيىسى، دېگەنلىك بولىدۇ.

ئۈچىنچىسى، ھەر ئىككى خىل ئېھتىماللىقتا ئامېرىكانىڭ ئىزدىگىنىنى تېپىشقا قادىر بولۇپ بولماسلىقىدۇر.

ترامپنىڭ بېكىنىش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىشى ۋە بايدىننىڭ يەر شارىلىشىش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئاخىرىدا ئوخشاش بىر ئىشىككە چىقىدۇ. نە چېكىنىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس، نە  خەلقئارا سىستېمىنى قايتا كونتىرۇللۇققا ئېلىشمۇ ئاسان ئەمەس. بۇ ۋەجىدىن دۇنيا سىياسىتى ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدىن كېيىن تولىمۇ ھەرىكەتلىك ھالغا كېلىدۇ. بۇ بارلىق مەسىلىلەرگە ئېنىقسىزلىقىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان يۇقۇم مەسىلىسى قوشۇلغاندا، دۇنيا سىياسىتىنىڭ تېخىمۇ چوڭ بىر رىقابەتكە دۇچ كېلىدىغانلىقى ئېنىق.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر