غەززەگە قۇربان ھيېتلىق ياردەم قىلىندى

«‹غەززە ئۈچۈن ھايات مەنبەسى بولۇڭ› مۇنبىرى» تۈركىيە خەلقىنىڭ ئىئانىلىرى بىلەن قىلىنغان قۇربانلىق گۆشلىرىنى غەززەدىكى ياردەمگە مۇھتاج ۋە جىددىي ئېھتىياجلىق 1750 ئائىلىگە تارقىتىپ بەردى.

1465706
غەززەگە قۇربان ھيېتلىق ياردەم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇنبەرنىڭ غەززە ۋەكىلى رامازان ئاسەلىييە بۇ ھەقتە توختالغاندا مۇنداق دېدى: «<غەززەگە جانىم پىدا> شوئارى ئاستىدا ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقان ياردەم ئارقىلىق، ھەم نامرات ھەم جىددىي ئېھتىياجلىق كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى قۇربان ھيېتتا خۇش قىلىشنى پىلانلاۋاتىمىز. غەززەگە چەكسىز ياردەملىرى ئۈچۈن تۈركىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە رەھمەت ئېيتىمىز.»

ئىسرائىلىيە، تەخمىنەن 2 مىليون پەلەستىنلىك ياشاۋاتقان غەززە رايونىنى 2006 – يىلدىن بۇيان قامال ئاستىدا تۇتماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر