ئامېرىكا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نى خەلقئارالىق تەكشۈرۈش توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى

ئامېرىكا مۇئاۋىن سەھىيە مىنىستىرى دوكتور برېت گىرور دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نى دەرھال خەلقئارالىق تەكشۈرۈشكە چاقىردى.

1422331
ئامېرىكا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نى خەلقئارالىق تەكشۈرۈش توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۇنجى قېتىم ئىشقا ئاشۇرۇلغان 147 – نۆۋەتلىك تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، 73 – نۆۋەتلىك دۇنيا سەھىيە مەجلىسىدە، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك مۇزاكىرە قىلىنىشى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» باسقۇچىدىكى رولىنى ئېنىقلاپ چىقىدىغان تەكشۈرۈشنىڭ باشلىتىلىشى توغرۇلۇق قارار ماقۇللىنىشىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەزا دۆلەتلەر بىلەن كېڭىشىش ئارقىلىق ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغان <ۋۇخەن ۋىرۇسى> نى تەرەپسىز، مۇستەقىل ۋە كەڭ دائىرىلىك ھالدا تەكشۈرۈش چاقىرىقىنى ئالقىشلايمىز، شۇنداقلا، بۇ خىزمەتنىڭ دەرھال باشلىنىشىنى تەلەپ قىلىمىز. جۈملىدىن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ دەرھال تەكشۈرۈشكە باشلىشىغا ۋە مۇستەقىل خەلق ساغلاملىقى مۇتەخەسسىسلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىشىغا ئىشىنىمىز. پىرېزىدېنت ترامپنىڭمۇ 18 – ماي كۈنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش دىرېكتورى تېدروسقا يازغان مەكتۇبىدا ئوتتۇرىغا قويغىنىدەك، بۇنداق يۇقۇمنىڭ قايتا ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نامىدىن تېگىشلىك ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ۋاقىتنى چىڭ تۇتمىساق زادى بولمايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر