ئەردوغان ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1422537
ئەردوغان ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت يەنە،  لىۋىيە ۋە سۈرىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. ئەردوغان بىلەن ترامپ، رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىش مەقسىتىدە سىياسىي ۋە ھەربىي ھەمكارلىقنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىككى رەھبەر، تۈركىيە خەلقى بىلەن ئامېرىكا خەلقىنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش نۇقتىسىدا ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر