ئەزەربەيجان چاۋۇشئوغلۇغا «دوستلۇق ئوردېنى» تەقدىم قىلدى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇغا «دوستلۇق ئوردېنى» تەقدىم قىلدى.

1354607
ئەزەربەيجان چاۋۇشئوغلۇغا «دوستلۇق ئوردېنى» تەقدىم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەلىيېۋ چاۋۇشئوغلۇغا «دوستلۇق ئوردېنى» تەقدىم قىلىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: «چاۋۇشئوغلۇ ئەپەندىم! سىز ئەزەربەيجاننى چىن دىلىڭىزدىن سۆيىسىز. سىز ھەمىشە ئەزەربەيجاننى قوللاپ – قۇۋۋەتلەپ كېلىۋاتىسىز، سىز بىلەن ياۋروپا كېڭىشىدىمۇ ھەمكارلاشتۇق، ھەردائىم بىر – بىرىمىزنى قوللىدۇق، قېرىنداش دۆلەت تۈركىيەنىڭ دۇنيادا كۈچ مەركىزىگە ئايلىنىشىدا سىزنىڭ قوشقان تۆھپىلىرىڭىز ئىنتايىن زور. خەلقىمىز سىزنى ناھايىتى ياخشى تونۇيدۇ ھەم ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ، چوڭقۇر ھۆرمەت قىلىدۇ، مانا مۇشۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلى سىزگە <دوستلۇق ئوردېنى> تەقدىم قىلىشنى لايىق كۆردۇق.»

چاۋۇشئوغلۇ مۇنداق دېدى: «مەن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان پەقەت تۈركىيەنىڭلا ئەمەس، ئەزەربەيجاننىڭ ھەق – ھوقۇقلرىنى قوغداشنى باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىم دەپ قاراپ كېلىۋاتىمەن. <دوستلۇق ئوردېنى> غا لايىق كۆرۈلگەنلىكىم ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشالمەن، بۇ ماڭا نىسبەتەن ناھايىتى زور شان – شەرەپتۇر، بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپتىن- كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. ئەلىيېۋ ئەپەندىم! سىزمۇ تۈركىيەنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى جان تىكىپ قوغداۋاتىسىز، ئىككى قېرىنداش دۆلەت ھەمىشە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ، بىر – بىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرى ھەم مەنپەئەتلىرىنى جان تىكىپ قوغداۋاتىدۇ، جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغان  بىلەن سىزنىڭ رەھبەرلىكىڭىزدە مۇناسىۋەتلىرىمىز ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە كۈچەيدى، ئاتىڭىز جەننەت ماكان مەرھۇم ھەيدەر ئەلىيېۋنىڭ <ئىككى دۆلەتمىز، ئەمما بىر مىللەتمىز> دېگەن سۆزى بىزگە ھەمىشە يول كۆرسىتىۋاتىدۇ، مەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھەردائىم پەقەت تۈركىيەنىڭلا ئەمەس، ئەزەربەيجاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى سۈپىتىدىمۇ خىزمەت ئىشلەۋاتىمەن، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر