دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ قەدىمىي ئىبادەتخانا «گۆبەكلىتەپە» ئىتالىيەدە تونۇشتۇرۇلدى

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئارخىئولوگىيە فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىلىرىدىن دوتسېنت دوكتور ئەيلەم ئۆزدوغان كۆبەكلىتەپە ۋە ئەتراپىدا ئىنسانلارنىڭ تۇنجى ئولتۇراق تۇرمۇشقا ئۆتكەنلىكى بايقالغانلىقىنى ۋە رايوننىڭ ئۆزىگە خاس كۈلتۈر ئالاھىدىلىكلىرىنى ئاڭلاتتى.

1307827
دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ قەدىمىي ئىبادەتخانا «گۆبەكلىتەپە» ئىتالىيەدە تونۇشتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئارخىئولوگىيە ساياھىتى ساھەسىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى پائالىيەتلىرىدىن بىرسى ھېسابلىنىدىغان ئاق دېڭىز ئارخىئولوگىيە ساياھىتى يەرمەنكىسىدە، «دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ قەدىمىي ئىبادەتخانا» دەپ قوبۇل قىلىنغان ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى «UNESCO» نىڭ دۇنيا مىراسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن «گۆبەكلىتەپە ئۆرەن يەرى» ۋە ئەتراپى تونۇشتۇرۇلدى.

ئىتالىيەنىڭ پائېستۇم شەھىرىدە بۇ يىل 22نۆۋەتلىكى ئۆتكۈزۈلىۋاتقان ئاق دېڭىز ئارخىئولوگىيە ساياھىتى يەرمەنكىسىگە 22 دۆلەتتىن 6 ئۇنىۋېرسىتېت ۋە 120 شىركەت قاتناشتى.

تۈركىيەنىڭ رىمدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى كۈلتۈر ۋە تونۇشتۇرۇش ئىشخانىسىمۇ يەرمەنكىدە مەخسۇس كۆرگەزمە ئاچتى.

2019يىلى خەلقئارادا «گۆبەكلىتەپە يىلى» ئېلان قىلىنغان بولغاچقا كۆبەكلىتەپە تېما قىلىنغان مەخسۇس كونفېرانسلار ئۇرۇنلاشتۇرۇلدى.

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئارخىئولوگىيە فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىلىرىدىن دوتسېنت دوكتور ئەيلەم ئۆزدوغان كۆبەكلىتەپە ۋە ئەتراپىدا ئىنسانلارنىڭ تۇنجى ئولتۇراق تۇرمۇشقا ئۆتكەنلىكى بايقالغانلىقىنى ۋە رايوننىڭ ئۆزىگە خاس كۈلتۈر ئالاھىدىلىكلىرىنى ئاڭلاتتى.  

يەرمەنكە دىرېكتورى ئۇگو پىكارېللىمۇ دوتسېنت دوكتور ئەيلەم ئۆزدوغاننىڭ لىېكسىيەسىدىن كېيىنكى نۇتۇقىدا، تۈركىيەنىڭ بۇ يەرمەنكىگە ھەر دائىم ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە ھەر يىلى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىشتىراكتا بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، تۈركيەگە رەخمەت ئېيتتى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر