ئادانا كاۋىپى

«ئادانا كاۋىپى» پىشۇرۇش ئۇسۇلى

1307515
ئادانا كاۋىپى

ئادانا كاۋىپى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئوتتۇرا شەرق جۇغراپىيەسىدە داستىخانلاردا زادى كەم بولسا بولمايدىغان تائاملاردىن بىرى كاۋاپتۇر. ئەرەب تىلىدا «پىشقان»، «قىزارغان» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان كاۋاپ، لۇغەت مەنىسى جەھەتتىن بىۋاسىتە ئوتتا ياكى قاپنىڭ ئىچىدە سۇسىز پىشۇرۇلىدىغان تائاملارغا بېرىلىدىغان ئومۇمىي ئىسىمدۇر. شەرق ۋە ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىدە كەڭ ئىستېمال قىلىنىدىغان كاۋاپلار، تۈرك ئاشخانىلىرىدا ئۆزىگە خاس ھالغا كەلتۈرۈلگەن. تۈركىيەدە ھەممە ۋىلايەتنىڭ ئۆزىگە خاس كاۋىپى بار بولسىمۇ، لېكىن ئەڭ مەشھۇر بولغانلىرى جەنۇبىي ۋە شەرقىي جەنۇبىي ۋىلايەتلەردە كۆزگە چېلىقىدۇ. دۆلەت مىقياسىدا ئادەتتە «كاۋاپچى» دەپ ئاتىلىدىغان كاۋاپخانىلاردا يېيىلىدىغان كاۋاپلار شۇ ۋىلايەتنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر بولغىنى «ئادانا كاۋىپى» دۇر. تۈركىيەنىڭ جەنۇبىي رايونىغا جايلاشقان ۋە دۆلەت بويىچە 6 – چوڭ ۋىلايەت ھېسابلىنىدىغان ئاداناغا خاس بۇ كاۋاپنى ھەممە كاۋاپخانىلاردىن تاپقىىلى بولىدۇ.    

 بۈگۈنكى پىروگراممىمىزدا،  مەشھۇر «ئادانا كاۋىپى» پىشۇرۇش ئۇسۇلى ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز.

«ئادانا كاۋىپى» پىشۇرۇش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە:

  • 350 گىرام كالا گۆشى قىيمىسى
  • 300 گىرام پاقلان گۆشى قىيمىسى
  • بىر چىش سامساق
  • ئىككى دانە قۇرۇق پىياز
  • بىر چاي قوشۇقى قىزىلمۇچ
  • بىر چاي قوشۇقى قارىمۇچ
  • بىر قوشۇق قىزىلمۇچ قىيامى
  • 1 – 2  باغلام يۇمغاقسۈت

«ئادانا كاۋىپى» پىشۇرۇش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

  • پىيازلارنى چاسا قىلىپ توغراڭ.
  • سۈيىنى سۈزۈپ، بىر قاچىغا قويۇڭ.
  • سامساقلارنى ئېزىپ، پىيازلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇڭ.
  • پاقلان گۆشى قىيمىسى بىلەن كالا گۆشى قىيمىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ، پىياز ۋە سامساق ئارىلاشمىسى بىلەن يوغۇرۇڭ.
  • قىزىلمۇچ، قارىمۇچ  ۋە قىزىلمۇچ قىيامىنى ئارىلاشمىغا يېگۈزۈڭ.
  • سۇ يېغىنى ئىلاۋە قىلىڭ.
  • يۇمغۇقسۈتنى ئىنچىكە توغرىغاندىن كېيىن، ئارىلاشمىغا ئىلاۋە قىلىڭ.
  • ئاندىن ماتېرىيالنى توڭلاتقۇدا 2 – 3 – سائەتتەك دەم ياتقۇزۇڭ.
  • دوخۇپكىنىڭ كاۋاپ زىخىنى قاسساپتىن ئېلىنغان قۇيرۇق يېغى بىلەن ياغلاڭ، يوق بولسا سېرىق ماي بىلەن ياغلىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
  • دوخۇپكىنى 200 گىرادۇس ئوتتا قىزىتىڭ.
  • گۆشلۈك ئارىلاشمىنى زىختىن ئۆتكۈزۈڭ.
  • زىخلارنى دوخۇپكىنىڭ كاۋاپ زىخنىڭ ئۈستىگە تىزىپ، تەخمىنەن 20 – 25 مىنۇت پىشۇرغاندىن كېيىن، ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر