سۇ بۆرىكى

«سۇ بۆرىكى» ئېتىش ئۇسۇلى.

1303162
سۇ بۆرىكى

سۇ بۆرىكى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركلەرنىڭ تاماق مەدەنىيىتىدە، خېمىر بىلەن ئېتىلىدىغان تائاملار، بولۇپمۇ بۆرەكلەر ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. ناشتىلىقتىن كەچلىك تاماققىچە ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىنىدىغان بۇ تائامنى، ئوتتۇرا شەرق رايونىدىن بالقان رايونىغىچە؛ شىمالىي ئافرىقىدىن ئوتتۇرا ئاسىياغىچە كەڭ كەتكەن جۇغراپىيەلەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئوخشىمىغان رايونلاردا ئېتىلىدىغان بۇ تائامنىڭ ئىسمىمۇ دېگۈدەك بىر - بىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. چۈنكى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ئۆزى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن تېرروتېرىيەلەرگە مىراس قالدۇرغان تائاملاردىن بىرىنى «سۇ بۆرىكى» تەشكىل قىلىدۇ.    

 بۈگۈنكى پىروگراممىمىزدا،  پىشۇرۇلۇشى بىرئاز قىيىن بولغانلىقى ئۈچۈن، كۈنىمىزدە بۆرەك ساتىدىغان ئاشخانىلاردىن سېتىۋېلىنىدىغان  «سۇ بۆرىكى» ئېتىش ئۇسۇلى ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز.  

«سۇ بۆرىكى» ئېتىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە:

  • 5 ئىستاكان ئۇن
  • 4 دانە تۇخۇم
  • 2 – 3 ئىستاكان سۇ
  • 1 – 2 تاتلىق قوشۇقى تۇز
  • 2 -3 ئىستاكان ئېرىتىلگەن سېرىق ماي
  • 2 لېتىر قايناق سۇ
  • بىر قوشۇق زەيتۇن يېغى
  •  400 گىرام ئاق ئېرىمچىك
  • 1 – 2 دەستە ئۇششاق توغرالغان يۇمغاقسۈت

«سۇ بۆرىكى» ئېتىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

  • ئالدى بىلەن، 5 ئىستاكان ئۇن، 4 دانە تۇخۇم، 2 – 3 ئىستاكان سۇ ۋە 1 – 2 تاتلىق قوشۇقى تۇز بىلەن خېمىرنى ئوتتىرىھال دەرىجىدە قاتتىق قىلىپ يوغۇرۇڭ.
  • يوغۇرۇلغان خېمىردىن 10 دانە كىچىك توپ ياساڭ، توپلارنىڭ ئۈستىنى بىر لۆڭگە بىلەن يېپىپ، خېمىرنى بىر سائەت شۇ پېتى قويۇڭ.
  • بۇ ئارىلىقتا، ئاق ئېرىمچىكنى ۋىلكا بىلەن ئېزىپ، يۇمغۇقسۈت ئارىلاشتۇرۇپ، بۆرەكنىڭ ئىچكى قىسمىنى تەييارلاڭ.
  • ئوچاقتا كەڭ بىر قازاندا 2 لېتىر سۇنى قاينىتىڭ.
  • قاينىغان سۇغا 1 – 2 تاتلىق قوشۇقى تۇز بىلەن بىر قوشۇق زەيتۇن يېغىنى ئىلاۋە قىلىڭ.
  • خېمىر توپلىرىنى نوغۇچ بىلەن ئېچىڭ.
  • بۇ خېمىرنى قاينىغان سۇغا سېلىپ، 30 – 35 سېكۇنت پىشۇرۇڭ.
  • پىشقان يۇفقىنى دەرھال سوغۇق سۇ تولدۇرۇلغان بىر قاچىغا قويۇڭ.
  • يۇفقىنى سوغۇق سۇدا 10 – 15 سېكۇنت تۇرغۇزغاندىن كېيىن، بىر سۈزگۈچ بىلەن سۇدىن سۈزۈپ چىقىرىڭ.
  • دوخۇپكىنىڭ تەخسىسىنى سېرىق ماي بىلەن ياغلاڭ.
  • ئېچىلغان يۇفقىلاردىن بىرىنى تەخسىنىڭ تېگىگە يېيىڭ، ئۈستىنى بىر قوشۇق ئېرىتىلگەن سېرىق ماي بىلەن ياغلاڭ.
  • قالغان خېمىر توپلىرىنىڭ تۆتىلىسىنىمۇ شۇنداق قىلىڭ.  
  • قالغان بەش خېمىر توپىنىمۇ ئوخشاش شەكىلدە يۇفقىغا ئايلاندۇرۇپ، سۇدا قاينىتىپ، ئارىسىغا سېرىق ماي سۈركەپ، دوخۇپكىنىڭ تەخسىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇڭ.
  • ئاخىرقى قەۋەتنىڭ ئۈستىگە ئېرىتىلگەن سېرىق مايدىن تۆكۈپ، چوتكا بىلەن يېيىڭ.
  • بۆرەكنى دوخۇپكىغا قويۇشتىن بۇرۇن، ئىتتىك بىر پىچاق بىلەن چاسا شەكلىدە 5 – 6 سانتىمېتىېردىن تىلىڭ.
  • ئالدىن قىزىتىلغان 190 گىرادۇسلۇق دوخۇپكىدا تاكى ئۈستى قىزارغانغا قەدەر پىشۇرغاندىن كېيىن، ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ.        

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر