خىتايدا دۇنيا لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرگەن كوماندا دۆلىتىگە قايتتى

خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ۋاسكىتبول فېدېراتسىيەسى «FIBA» دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە، ئارگېنتىنانى مەغلۇپ قىلىپ، دۇنيا چېمپېيونى بولغان كوماندا ئىسپانىيەدە داغدۇغىلۇق تەبرىكلەنمەكتە.

1270686
خىتايدا دۇنيا لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرگەن كوماندا دۆلىتىگە قايتتى
2019-09-16T160045Z_373999232_RC160C797870_RTRMADP_3_BASKETBALL-WORLDCUP-ESP - Kopya.JPG
2019-09-16T192428Z_925273466_RC19ED77D150_RTRMADP_3_BASKETBALL-WORLDCUP-ESP - Kopya.JPG
2019-09-16T203528Z_152476301_RC1D8305C4B0_RTRMADP_3_BASKETBALL-WORLDCUP-ESP - Kopya.JPG
2019-09-16T204507Z_119866992_RC1245795DD0_RTRMADP_3_BASKETBALL-WORLDCUP-ESP - Kopya.JPG

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدىن غەلىبە بىلەن مەملىكەتكە قايتقان چېمپېيون كوماندىنى ئىسپانىيە پادىشاھى ۋە خانىشىدىن كېيىن باش ۋەزىرى پېدرو سانچېزمۇ قوبۇل قىلدى.

رەسمىي زىيارەتلەردىن كېيىن چېمپېيون كوماندا ۋە مىڭلىغان تەرەبدارلىرى پايتەخت مادرىدتىكى كولون مەيدانىدا بىر يەرگە جەم بولدى.

گلادىئاتورلار دۇنيا چېمپېيونلۇقى ئۈچۈن مەخسۇس قۇرۇلغان مۇنبەردە داغدۇغىلۇق تەبرىكلەش پائالىىيىتى ئۆتكۈزدى.

ئىسپانىيە كوماندىسى تۇنجى ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسىغا 2006يىلى ئېرىشكەن بولۇپ، ئارىدىن 13 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، دۇنيا لوڭقىسىنى قايتا قولغا كەلتۈرگەن بولدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر