گۈل شەربىتى

«گۈل شەربىتى» تەييارلاش ئۇسۇلى.

1243274
گۈل شەربىتى

گۈل شەربىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تارىخى ناھايىتى ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان تۈرك تائاملىرىغا ئائىت ئىچىملىك تۈرىدىن بىرى «شەربەت» تۇر. شەربەت ئادەتتە ئۆسۈملۈك، گۈل ۋە مېۋىلەردىن تەييارلىنىدۇ، بەزىدە دورا – دەرمانلار بىلەن لەززەتلەندۈرۈلۈپ، شېكەر ياكى ھەسەل بىلەن تەملىك ھالغا كەلتۈرۈلىدۇ. 16 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىدىن باشلاپ ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدە ئالتۇندەك دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن شەربەت، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە غەرب ئەللىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان. 17 – ئەسىردىن ئېتىبارەن لىمونلۇق، گۈللۈك، بىنەپشىلىك شەربەتلەر ئەنگلىيەگە ئېكسپورت قىلىنىشقا باشلىغان. يەنە 17 – ئەسىردە ئىتالىيەدە بۇنداق شەربەتلەردىن ممېۋىلىك ماروژنىلار تەييارلانغان. شۇنىڭ بىلەن، مەشھۇر «ئىتالىيە سوربېتتوسى» دۇنياغا كەلگەن. نۆۋەتتە ئىنگىلىزچە ۋە فىرانسۇزچىدا مېۋىلىك ماروژنا «سوربېت» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ بولسا تۈركچىدىكى «شەربەت» نىڭ بۇزۇلغان شەكلىدۇر. بۈگۈنكى پىروگراممىمىزدا، ئۆز ۋاقتىدا ياۋروپادا داڭ چىقارغان «گۈل شەربىتى» تەييارلاش ئۇسۇلى ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز.

«گۈل شەربىتى» تەييارلاش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە:

  • 50 گىرام خۇش پۇراقلىق گۈل ياپرىقى
  • يېرىم ئىستاكان لىمون سۈيى
  • بىر ئىستاكان شېكەر
  • 5 ئىستاكان سۇ

 

  • «گۈل شەربىتى» تەييارلاش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
  • ئالدى بىلەن، گۈل ياپراقلىرىنىڭ تېگىدىكى ئاق قىسىملىرىنى ئېلىۋېتىڭ، ئاندىن  گۈل ياپراقلىرىنى بىر قاچىغا قويۇڭ، ئارقىدىن لىمون سۈيىنى ئىلاۋە قىلىڭ.
  • گۈل ياپراقلىرىنى قولىڭىز بىلەن ئۇۋىلىغاندىن كېيىن، يېرىم سائەت ساقلىتىڭ.
  • سۇ بىلەن شېكەرنى بىر قېتىم قايناتقاندىن كېيىن، بىرئاز سۇۋۇشىنى كۈتۈڭ.
  • ئىللىق ھالغا كەلگەن شېكەرلىك سۇنى گۈللەر قويۇلغان قاچىغا تۆكۈڭ.
  • ئارىلاشمىنى 10 سائەت توڭلاتقۇدا قويغاندىن كېيىن، ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر