ئىمام بايىلدى

«ئىمام بايىلدى» ئېتىش ئۇسۇلى.

1243266
ئىمام بايىلدى

ئىمام بايىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈرك تائاملىرىدا ئىشلىتىلىدىغان ۋاز كېچىلمەس ماتېرىياللاردىن بىرى پېدىگەندۇر. ئانا ۋەتىنى ھىندىستان بولغان پېدىگەن بىلەن ئېتىلىدىغان تۈرك تائاملىرى يۈزلەرچە خىلغا يېتىدۇ. بۈگۈن سىلەرگە، پېدىگەن بىلەن ئېتىلىدىغان، گۆشسىز تاماق يېگۈچىلەرنىڭمۇ دىتىغا ياقىدىغان ۋە «ئىمام ئەڭ ياقتۇرىدىغان تاماق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «ئىمام بايىلدى» ئېتىش ئۇسۇلى ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز. 

«ئىمام بايىلدى» ئېتىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە:

  • 4 دانە پېدىگەن
  • بىر قوشۇق زەيتۇن يېغى
  • 3 دانە ئوتتۇرىھال پىياز
  • 12 چىش سامساق
  • 3 دانە قىزىلمۇچ
  • 3 دانە پەمىدۇر
  • 3 تۇتام تۇز
  • 3 تۇتام قارىمۇچ
  • بىر تاتلىق قوشۇقى شېكەر
  • بىر باغلام يۇمغاقسۈت

«ئىمام بايىلدى» ئېتىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

  • ئالدى بىلەن، پېدىگەننى يۇيۇپ، پوستىنى سويۇڭ، ئاندىن پېدىگەننى قىزىتىلغان زەيتۇن يېغىدا ئالدى ھەم ئارقا تەرىپىنى قىزارتىڭ، ئارقىدىن ئارتۇق ياغلىرىنىڭ سىڭىشى ئۈچۈن، پېدىگەننى تازىلىق قەغىزىنىڭ ئۈستىگە ئېلىڭ.
  • پىيازلارنى يېرىم ھالقا شەكلىدە، سامساق ۋە قىزىلمۇچنى بولسا ئۇششاق توغراڭ.
  • ھەممىسىنى بىر قوشۇق زەيتۇن يېغىدا بىرقانچە مىنۇت پىشۇرۇڭ.
  • ئۈستىگە پوستى سويۇۋېتىلگەن، ئۇرۇقلىرى چىقىرىۋېتىلىپ، توغرالغان پەمىدۇرنى ئىلاۋە قىلىڭ.
  • پەمىدۇر يۇمشاپ پىشقان چاغدا، تۇز، قارىمۇچ، شېكەر ۋە يۇمغاقسۈتنى ئىلاۋە قىلىپ، ئوتنى ئۆچۈرۈڭ.
  • پېدىگەنلەرنى قازانغا تىزىڭ، ئوتتۇرا قىسمىنى پىچاق بىلەن سىزىق شەكلىدە يېرىڭ، قوشۇق بىلەن كېڭەيتىپ، قېيىققا ئوخشاش ئېچىڭ.
  • ئىچىگە پەمىدۇرلۇق ماتېرىيالنى تولدۇرۇڭ.
  • تاۋا قازاندا قالغان پەمىدۇرلۇق سۇنىمۇ قازانغا تۆكۈڭ، ئۈستىگە ناھايىتى ئاز مىقداردا زەيتۇن يېغى سېپىڭ.
  • تۇۋاقنى يېپىپ، 20 – 25 مىنۇت پىشۇرغاندىن كېيىن، ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر