ئىسپانىيە دۆلەتلىك پوتبۇل كوماندىسىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولدى

لۇئىس ئېنرېكىيۇ ئىسپانىيە پوتبۇل كوماندىسىنىڭ تىخنېكا دىرېكتورلۇقىدىن ئىستېپا بەردى.

1221644
ئىسپانىيە دۆلەتلىك پوتبۇل كوماندىسىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لۇئىس ئېنرېكىيۇ ئائىلىۋى مەسىلىلەر سەۋەبىدىن 3 ئايدىن بۇيان باشقۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتىيەلمەي كېلىۋاتقان ئىسپانىيە پوتبۇل كوماندىسىنىڭ تىخنېكا دىرېكتورلۇقى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلدى. ئۇنىڭ ئورنىغا روبېرت مورېنو تىخنېكا دىرېكتورى بولدى.

ئىسپانىيە پۇتبول فېدېراتسىيەنىڭ مادرىدتىكى مەركىزىي بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، لۇئىس ئېنرېكىيۇنىڭ ئىسپانىيە پۇتبول كوماندىسىدىن ئايرىلغانلىقى ئېلان قىلىندى.

ئىسپانىيە پۇتبول فېدېراتسىيەسى باشلىقى لۇئىس رۇبېلېس تىخنېكا دىرېكتورى ئېنرېكىيۇنىڭ ئىسپانىيە پۇتبول كوماندىسىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ھازىرغا قەدەر مۇئاۋىن تېرېنېرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان روبېرت مورېنونىڭ تەيىنلەنگەنلىكىنى جاكارلىدى.

رۇبېلېس لۇئىس ئېنرېكىيۇغا قاراتقان ھالدا: «ئىسپانىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ دەرۋازىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەر دائىم ئوچۇق» دېدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر