300 مىڭ لىرا مۇكاپاتلىق تۇتۇش بۇيرۇقىدىكى تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى
دىيار باكىرنىڭ لىجە رايونىدا 3 – ئىيۇندا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا، 300 مىڭ لىرا مۇكاپاتلىق كۈلرەڭ تاشلىق تۇتۇش بۇيرىقى تىزىملىكىدىكى بىر تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى
1215146
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىيار باكىرنىڭ لىجە رايونىدا 3 – ئىيۇندا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا ئۇجۇقتۇرۇلغان 5 تېررورچىدىن بىرسىنىڭ كۈلرەڭ تاشلىق تۇتۇش بۇيرىقى تىزىملىدىكى تېررورچى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.
ئىچكى ئىشلار مىنستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، «ئىچكى بىخەتەرلىك ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە، دىيار باكىرنىڭ لىجە رايونىدا 3 – ئىيۇندا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا، ئۇجۇقتۇرۇلغان 5 تېررورچىدىن بىرسىنىڭ 300 مىڭ لىرا مۇكاپاتلىق كۈلرەڭ تاشلىق تۇتۇش بۇيرىقى چىقىرىلغان تېررورچىلار تىزىملىكىدىكى (شىپرىلىق ئىسمى زىنار ئاكرو ۋە ئەسلى ئىسمى يۈسۈف كايران بولغان) تېررورچى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى» دېيىلدى.