مۇسۇلمان پۇتبول چولپانلىرى مۇسابىقە ئەسناسىدا ئىپتار قىلدى

«Ajax» كوماندىسىنىڭ مۇسۇلمان پۇتبول ماھىرلىرىدىن مازرۇئىي ۋە زىيەچ چېمپىيونلۇقنى تالىشىش بىرلەشمىىسنىڭ «Tottenham» كوماندىسى بىلەن چۈشكەن مۇسابىقىسى جەريانىدا ئىپتار قىلدى.

1197882
مۇسۇلمان پۇتبول چولپانلىرى مۇسابىقە ئەسناسىدا ئىپتار قىلدى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلىكى «UEFA» مۇسابىقىلىرىدا «Real Madrid» ۋە «Juventus» كوماندىلىرىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ قويۇپ كاتتا تارىخ ياراتقان «Ajax» كوماندىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدا ئەنگلىيەنىڭ ئاتاقلىق كوماندىسى «Tottenham» بىلەن مەيدانغا چۈشتى.

ئامستېردام تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقە جەريانىدا «Ajax» كوماندىسىنىڭ مۇسۇلمان پۇتبول ماھىرلىرىدىن ناسسىر مازرۇئىي ۋە ھاكىم زىيەچ ئىپتار قىلدى.

ماراكەشلىك بۇ ئىككى مۇسۇلمان پۇتبول چولپىنى مۇسابىقە باشلىنىپ 21مىنۇتىغا كەلگەندە مەيداننىڭ چېتىگىرەك چىقىپ، ئىپتار قىلدى.

مەركىزىي سىنئالغۇ بۇ كۆرۈنۈشلەرنى تارتمىغان بولسىمۇ، ئەمما مۇسابىقىنى نەخ مەيداندىن ئۇلاپ تارقاتقۇچى ئورگانلارنىڭ تارقىتىشلىرىدا ھەممىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

مۇسابىقىدا «Ajax» كوماندىسىنىڭ ئىككىنچى توپىنى مۇسابىقە جەريانىدا ئىپتار قىلغان مۇسۇلمان پۇتبۇل ماھىرى ھاكىم زىيەچ 35مىنۇتتا ۋارتاغا كىرگۈزدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر