بارات كېچىسىدە دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە زۇلۇم چېكىۋاتقان مۇسۇلمانلار ئۈچۈن دۇئا قىلىندى
تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مىليونلىغان مۇسۇلمانلار بارات قاندىلى كېچىسىنى دۇئالار بىلەن ئۆتكۈزدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گۇناھلاردىن پاكلىنىش ئۈچۈن قوللىرىنى دۇئاغا ئاچقان مۇسۇلمانلار دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە زۇلۇم ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلدى.
مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ مۇقەددەس ئايلىدىن بىرسى بولغان رامىزاننىڭ خەۋەرچىسى دەپ قوبۇل قىلىنىدىغان بارات قاندىلى دۇئا – تېلەك ۋە سەجدىلەر بىلەن ئۆتكۈزۈلدى.
بارات كېچىسى 19 – مارتتا باشلانغان ئۈچ ئايلارنىڭ ئىككىنجىسى شابان ئېيىنىڭ 15 - كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.
گۇناھلاردىن پاكلىنىش ۋە تەۋبە قىلىش مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان بارات كېچىسىنى ياخشى پۇرسەت دەپ قارىغان مۇسۇلمانلار ئىستابۇلدا سۇلتان ئەھمەت، ئەيۇب سۇلتان، سۇلايمانىيە ۋە چاملىچا جامىلىرىنى تولدۇردى.
مۇسۇلمانلار قوللىرىنى دۇئاغا ئاچقان ھالدا رامىزان ئېيىنىڭ خەۋەرچىسى بولغان بۇ كېچىنى ھەم ھاياجان، ھەم ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزدى.