كىم جوڭئۇننىڭ ئۆگەي ئاكىسىغا سۇيىقەست قىلغۇچى گۇماندار قويۇپ بېرىلىدىغان بولدى
مالايشىيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، كىم جوڭئۇننىڭ ئۆگەي ئاكىسىغا سۇيىقەست قىلغۇچى گۇماندار دوئان تى خۇڭ 3 – مايدا قويۇپ بېرىلىدىكەن.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ ئۆگەي ئاكىسى كىم جوڭنامنىڭ 2017 – يىلى مالايشىيادا سۇيىقسەت بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە ئالاقىدار سوتقا تارتىلغان ۋىيېتناملىق گۇماندار دوئان تى خۇڭ ماي ئېيىدا قويۇپ بېرىلىدىغان بولدى.
مالايشىيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دوئان تى خۇڭنىڭ ئادۋوكاتى گۇماندارنىڭ بالدۇرراق قويۇپ بېرىلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «تۈرمە مەسئۇللىرىنىڭ بىزگە يەتكۈزگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا 3 – مايدا ئوتكۈزۈلىدىغان سوتتا دوئان تى خۇڭ قويۇپ بېرىلمەكچى» دېدى.
بۇ دېلوغا مەسئۇل مۇپەتتىشلەر 1 – ئاپرىلدا ۋىيېتناملىق گۇماندار خوڭنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قويۇپ بېرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن گۇماندارنى جىنايەت بىلەن ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ يېنىكرەك قىلىپ، «خەتەرلىك قورال بىلەن ئادەم يارىدار قىلىشقا ئۇرۇنۇش» دەپ ئەيىبىلگەن ئىدى.
بۇ ئاخىرىقى قېتىمقى ئەيىبلەشتىن كېيىن گۇماندار دوئان تى خۇڭنىڭ پات ئارىدا قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.