ئىسرائىلىيە مىنىستىرى مەسجىدى ئەقساغا يەنە بېسىپ كىردى

ئىسرائىلىيە يېزا ئىگىلىكى مىنىستىرى ئۇرى ئارېل ۋە ھەمراھلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا رادىكال يەھۇدىيلار، ئىسرالىيە ساقچىلىرنىڭ قوغدىشى ئاستىدا ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستا مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىردى.

1181256
ئىسرائىلىيە مىنىستىرى مەسجىدى ئەقساغا يەنە بېسىپ كىردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇددۇس ئىسلامىي ۋەخىپلەر ئىدارىسىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئىسرائىلىيە يېزا ئىگىلىكى مىنىستىرى ئۇرى ئارېل ۋە ھەمراھلىقىدىكى بىر گۇرۇپپىنىڭ بۈگۈن  (11-ئاپرېل) ئەتىگەندە مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. 

باياناتتا، ئارېل ۋە ھەمراھلىدىكى رادىكال يەھۇدىيلارنىڭ مەسجىدى ئەقسانىڭ ھويلىسىدا ئۇزۇنغىچە ئايلانغاندىن كېيىن رايوندىن چىقىپ كەتكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

ئۇرى ئارېل ئىسرائىلىيەنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمىتىدە ئورۇن ئالغان يەھۇدىي ئەۋى پارتىيەسىدىن مىنىستىر بولغان بولۇپ، پات- پات مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرىدىغان قىلمىشلىرى بىلەن تونىلىدۇ. ئارېل بۇ يىلمۇ نۇرغۇن قېتىم مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەن ۋە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 26فېۋرالدا ھەرەم شەرىپكىمۇ ئۈسۈپ كىرگەن ئىدى. 

رادىكال يەھۇدىيلار كۆپىنچە ئىسىرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئەتىگەندە ياكى چۈشتىن كېيىن مەسجىدى ئەقسانىڭ ھويلىسىغا بېسىپ كىرىدىغان قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ كەلمەكتە. بۇ ئەھۋاللار رايوندا جىددىيچىلىكنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىگە ۋە پەلەستىنلىكلەر بىلەن ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى ئوتتۇرىسىدا مالىمانچىلىق يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولماقتا.

ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇسقا جايلاشقان مەسجىدى ئەقسا، مۇسۇلمانلارنىڭ تۇنجى قىبلىسى بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن ئەڭ مۇقەددەس جايلاردىن بىرسى ھېسابلىنىدۇ. 

يەھۇدىيلار بولسا، مەسجىدى ئەقسا بىلەن قۇببەتۇس سەھرا جامەسىدىن باشقا يەنە، مەدرىسەلەر ۋە چوڭ ھويلىمۇ جايلاشقان مەسجىدى ئەقسا كۇللىيەسىنىڭ يەر ئاستىدا ئاتالمىش سۇلايمان ئىبادەتخانىسىنىڭ خارابىلىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەر ئاستىنى قېزىپ تەكشۈرشتىن باشقا يەنە، مەسجىدى ئەقسادا ئۆزلىرىنىڭمۇ ئىبادەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى دەۋا قىلىپ كەلمەكتە. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر