نېپالدا يوقۇلۇپ كەتكەن جەنۇبىي كورېيەلىكلەرنىڭ جەسىتى تېپىلدى

نېپالدىكى بوراندا يوقۇلۇپ كەتكەن جەنۇبىي كورېيەلىك تاغقا يامىشىش ماھىرلىرى بىلەن نېپاللىق يول باشلىغۇچىلارنىڭ جەسىتى تېپىلدى.

1068755
نېپالدا يوقۇلۇپ كەتكەن جەنۇبىي كورېيەلىكلەرنىڭ جەسىتى تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نېپال ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھىمالايا تاغ تىزمىلىرىدىكى گۇرجا تېغىدا، جۈمە كۈنى چىققان بوراندا يوقۇلۇپ كەتكەن جەنۇبىي كورېيەلىك 5 نەپەر تاغقا يامىشىش ماھىرى بىلەن 3 نەپەر نېپاللىق يول باشلىغۇچىنىڭ جەسەتلىرى تېپىلغانلىقى ۋە تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن كاتماندوغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكى، بىر نەپەر يول باشلىغۇچىنىڭ جەسىتىنىڭ بولسا، كاتماندو ئەتراپىدىكى يېزىسىغا يەتكۈزۈپ بىلگەنلىكىنى بىلدۈرۈلدى.

تاغقا يامىشىش ماھىرلىرى بىلەن يول باشلىغۇچىلارنىڭ قۇرغان چېدىرلىرىنىڭ بوراندا ئۇچۇپ كېتىشى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.

مەزكۇر تاغقا يامىشىش ئەترىتىنىڭ غۇرجا تېغىنىڭ 7193 نۇمۇرلۇق چوقۇسىغا يامىشىشنى نىشان قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر