مەن باتىل دىنلاردىن ھەق دىنغا بۇرۇلۇپ، ئاللاھقا يۈزلەندىم

مەن ھەقىقەتەن، باتىل دىنلاردىن ھەق دىنغا بۇرۇلۇپ، ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقان زاتقا يۈزلەندىم، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن.

1067900
مەن باتىل دىنلاردىن ھەق دىنغا بۇرۇلۇپ، ئاللاھقا يۈزلەندىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئەنئام سۈرىسى، 74 – 81 – ئايەتلەر.  ئۆز ۋاقتىدا، ئىبراھىم ئۆز ئاتىسى ئازەرگە: «(سەن ئۆزۈڭنى ياراتقان ئاللاھنى قويۇپ) بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋالامسەن؟ مەن سېنى ۋە قەۋمىڭنى ھەقىقەتەن ئېنىق گۇمراھلىقتا كۆرۈمەن» دېدى[74]. ئىبراھىمنىڭ (تەۋھىد بارىسىدا) قەتئىي ئىشەنگۈچىلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، (ئۇنىڭغا ئاتىسى بىلەن قەۋمنىڭ گۇمراھلىقىنى كۆرسەتكىنىمىزدەك) بىز ئىبراھىمغا ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ئاجايىپلىرىنى كۆرسەتتۇق[75]. ئىبراھىم كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقاندا بىر يۇلتۇزنى كۆرۈپ (قەۋمىنىڭ سۆزىنى دەلىل كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى مات قىلىش ئۈچۈن): «بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر» دېدى. يۇلتۇز پېتىپ كېتىۋىدى، «مەن پېتىپ كەتكۈچىلەرنى (يەنى يۇلتۇزلارغا ئىبادەت قىلىشنى) ياقتۇرمايمەن» دېدى[76]. ئۇ ئاينىڭ تۇغقانلىقىنى كۆرۈپ (يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە): «بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر» دېدى. ئاي پېتىپ كېتىۋىدى، «ئەگەر پەرۋەردىگارىم مېنى ھىدايەت قىلمىغان بولسا، مەن چوقۇم ئازغۇچى قەۋمنىڭ قاتارىدا بولىدىكەنمەن» دېدى[77]. ئۇ قۇياشنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ (يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە): «بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، بۇ ھەممىدىن (يەنى يۇلتۇز بىلەن ئايدىن) چوڭدۇر» دېدى. قۇياش پېتىپ كېتىۋىدى، ئۇ ئېيتتىكى: «ئى قەۋمىم! مەن ھەقىقەتەن سىلەر شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلاردىن ئادا ـ جۇدامەن[78]. مەن ھەقىقەتەن، باتىل دىنلاردىن ھەق دىنغا بۇرۇلۇپ، ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقان زاتقا يۈزلەندىم، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن»[79]. ئىبراھىمنىڭ قەۋمى ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلەشتى، ئىبراھىم ئېيتتىكى، «مېنى ئاللاھ ھىدايەت قىلغان تۇرسا، مەن بىلەن ئاللاھ (نىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە بىرلىكى) توغرۇلۇق مۇنازىرىلىشەمسىلەر؟ مەن سىلەرنىڭ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىڭلاردىن قورقمايمەن، پەقەت پەرۋەردىگارىمنىڭلا خالىغان نەرسىسى بولىدۇ، پەرۋەردىگارىمنىڭ بىلىمى ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، (مەبۇدلىرىڭلارنىڭ ماڭا ھېچبىر زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى) ئويلىمامسىلەر![80]. ئاللاھنىڭ شېرىكى بولۇش ھەققىدە ئاللاھ سىلەرگە ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن بۇتلارنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتىن قورقمايۋاتساڭلار، سىلەرنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىڭلاردىن مەن قانداقمۇ قورقاتتىم! ئەگەر سىلەر بىلسەڭلار (ئېيتىڭلارچۇ)، بىز بۇ ئىككى گۇرۇھ ئادەمدىن زادى قايسىمىز ئەڭ قورقماسلىققا تېگىشلىك»[81].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر